ناگوياغا بارالمايدىغان بولدۇم

گەرچە بارىنىڭ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرۈشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، ئارىلىق يىراق ھەم ئىشلار ئالدىراش بولغاچقا ناگوياغا بارالمايدىغان بولدۇم. نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئېلىپ قويۇپ ۋاقىت چىققاندا كۆرمەكتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ…

4 thoughts on “ناگوياغا بارالمايدىغان بولدۇم

    1. مۇرشىدى Post author

      مەن تۇرۇۋاتقان يەردىن 350 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناگويا دېگەن شەھەردە 4- چېسلا مۇسابىقىسى باركەن.

      Reply
  1. ئۇيغۇربەگ

    ھەزرىتىم، راست ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى. مەن مۇشۇ Poedit ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنى زادى ئەپلەشتۈرەلمىدىم. كەمىنەدە بىر تىل بولىقى بار ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئىنگىلىزچە. بۇ تىل بولىقىنىڭ ئۇيغۇرچە ھالىتىنى ھاسىل قىلىۋالسام، بەلكىم ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى تەقدىم قىلىشىمغا ئالاھىدە ياردىمى بولغان بولاتتى…

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      PoEdit تا مەنمۇ تىل بولىقى ھاسىل قىلىپ باقمىغان. ئادەتتە تىل بولىقىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسلۇب ياكى قىستۇرمىلارنىڭ تىل بولىقىمۇ قوشۇپ تارقىتىلىدۇ. تىل بولىقى يوقلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا، ياكى تىل بولىقى ھاسىل قىلىشتا بىرمۇ بىر قولدا قىلىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن يەنە ئىزدىنىپ باقاي.

      Reply

Leave a comment