Monthly Archives: December 2011

يېڭى يىل ئاتكىرىتكىسى

يېڭى يىل ھارپىسىدا تونۇش- بىلىشلەرگە ئەۋەتىدىغان تەبرىك ئاتكىرىتكىسىنى ئاخىرى تەييار قىلدىم. بۇ يىل مۇھىم تونۇشلارغىلا ئەۋەتمەكچى بولۇپ تۇرۇقلۇقمۇ، ئۇ- بۇ قوشۇلۇپ يەنىلا 40 پارچىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەمدى يېڭى يىل كۈنى بىزگە كىملەردىن تەبرىك ئاتكىرىتكىسى كېلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇراي. (^o^)

پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى كىيىمى

26- چېسلا ياپونىيە پۇتبول بىرلەشمىسى بىلەن ئادىداس ياپونىيە شىركىتى بىرلىكتە «ئۇيۇشۇش» تېما قىلىنغان يېڭى بىر يۈرۈش مۇسابىقە كىيىمىنى ئېلان قىلدى. يېڭى مۇسابىقە كىيىمىدىكى بىر تال سىزىق ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا ئاتلانغان ياپونىيىنىڭ زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئەرلەر كوماندىسىنىڭ كىيىمىدە بۇ سىزىق قىزىل، ئاياللار كوماندىسىنىڭ ھالرەڭ، زال ئىچى پۇتبول كوماندىسىنىڭ سېرىق رەڭدە لايىھىلەنگەن. كىيىمنىڭ ئەسلىدىكى ئوچۇق كۆك رەڭگى قارا كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىلگەن. يېڭى كىيىم يېڭى يىلدىن باشلاپ رەسمىي كىيىلىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ تورى، スポーツナビ 12月26日(月)14時15分配信)

ئاپەت ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم 2

بۈگۈن TBS تېلېۋىزىيىسىدە 11- مارتتىكى يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى ۋە يادرو ئاپىتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەمدى 30- دېكابىر كەچ سائەت 06:00 دىن 08:54 كىچە فۇجى تېلېۋىزىيىسىدىمۇ わ・す・れ・な・い〜東日本大震災・命の記録〜 نامىدا ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىدىكەن. ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ھازىرغىچە توپلىغان ئۈن- سىن ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملىرىنى بىر- بىرلەپ كۆرسەتمەكتە.

ئاپەت ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم

بۈگۈن TBS تېلېۋىزىيىسىدە «ئەسلىمە، خاتىرە، شۇنداقلا ئارزۇ 記憶と記録そして願い» نامىدا كۆرسىتىلگەن 15 سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 02:25 تىن تارتىپ 07:25 كىچە بولغان 3- قىسمى «3.11 سىن خاتىرىسى- شۇ كۈنى نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟» نى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر تالاپەتنى كۆرۈپ، شۇ چاغدا ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتىم. قۇدرەتلىك ئاللاھ، ئۇ كۈنلەرنى قايتا كۆرۈشكە نېسىپ قىلمىغاي!

قايتىپ كەلدىم

ئاغىينىمىزنىڭ ئىشىغا قارىشىپ بېرىپ، باياتىن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم. ئالاھىدە تېز پويىزغا ئولتۇرمىغىلى خېلى بوپتىكەن، يەنىلا پۇلنىڭ ھوزۇرى باشقىچە بولىدۇ- دە. 120 كىلومېتىر يولغا پويىزدا 1 سائەت 18 مىنۇتلا ۋاقىت كەتتى. لېكىن بېلەتكە خەلق پۇلىغا 260 يۈەن خەجلەپتىمەن.

ﺋﯩﺒﺎﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ

ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﻴﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ 150 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﺍﻛﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.

ياپون قىلىچى ۋە تاپانچا

45 كالبېرلىق M1911 Government Model تاپانچىسى بىلەن 90 تۈمەن يېنلىق ئادەتتىكى ياپون قىلىچى 日本刀 نى سېلىشتۇرۇش تەجرىبىسىدە، 5 مېتىر ئارىلىقتىن قىلىچنىڭ بىسىغا قارىتىپ ئېتىلغان ئوق سائىتىگە 900 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قىلىچنىڭ بىسىغا تەگكەندىن كېيىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى، قىلىچنىڭ بىسى بولسا ئازراقمۇ زەخمە يېمىدى.( مەنبە: トリビアの泉 نامىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى)
بۇنىڭدىن پولاتنىڭ قوغۇشۇندىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس- ھە (^O^)…