Monthly Archives: July 2011

تور كۆرگۈ ۋە ئەقلىي قابىلىيەت

«تور كۆرگۈسى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە IQ سى» ھەققىدىكى «تەكشۈرۈش نەتىجىسى» نىڭ يالغانلىقى ئاشكارىلانغاچقا، ئەسلى يازما ئۆزگەرتىلدى.( ئەسلى مەنبە: http://bit.ly/qEz7GZ)

ئويۇننى دەپ بالىدىن ئايرىلدى

ئىشىكاۋا ناھىيىسىدە 25- چېسلا ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە بولغان ئارىلىقتا، بىر ياشقا كىرگەن قىزىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى ماشىنا ئىچىگە قويۇپ قويۇپ كارى بولماستىن پاچىنكو (ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق) ئويناپ، بالىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنايەت بىلەن بالىنىڭ ئۆز ئاتا- ئانىسى بولغان 36 ياشلىق ئەر ۋە 38 ياشلىق ئايال قولغا ئېلىنغان.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

يېننىڭ باھاسى ئۆسمەكتە

ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىشەنچسىزلىك ئامىللىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، ياپونىيە يېنىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى توختىماي ئۆسۈپ، بىر دوللار 77.78 يېندىن ئالماشتۇرۇلۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلمەكتە. بۈگۈنكى باھادا 100 ياپونىيە يېنىمۇ 7.98 يۈەندىن ئالماشتۇرۇلماقتا (جۇڭگو بانكىسى تورىدىن). تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېننىڭ قىممىتىدە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى رېكورد يارىتىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.(مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

ئىسسىقتا يۈز كىشى ئۆلۈپ كەتتى

بۇ يىلقى ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقتا ھازىرغىچە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلار 22 مىڭ كىشىدىن، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 100 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن.( مەنبە: NHK تورى)

تەقلىدىي تېلېۋىزىيە دەۋرى ئاخىرلاشتى

بۈگۈن، يەنى 2011- يىل 24- ئىيۇل چۈش سائەت 12 دە، يەر تەۋرەشتە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىۋاتې، مىياگى ۋە فۇكۇشىما ناھىيىلىرىدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ناھىيە- شەھەرلەردە تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالىنى تارقىتىش رەسمىي توختىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەدىكى 1953- يىلىدىن باشلانغان تەقلىدىي تېلېۋىزىيە دەۋرىنىڭ 58 يىللىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، رەقەملىك تېلېۋىزىيە دەۋرى رەسمىي باشلاندى. (مەنبە: ياخۇ تورى)

ﺗﻮﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ

شەنبىدىكى دەم ئېلىشمۇ تورنى كوچىلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. تور بانكىسى مۇلازىمىتى بىر قارىسا قولايلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئادەمنى ئاۋارە قىلىدىغان تەرەپلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. يېرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىشىمىز تۈگىمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبەرگە بىر كىرىپ كەتكەنچە، باياتىن بولدى قىلدىم. ئەمدى ئۇخلاپ قالاي.

كروران مۇنبىرىدە

يېقىندىن بېرى «كروران» غا مەپتۇن بولۇپ، بوش ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىدە ئۇ يەردىكى «دېھقانچىلىق مەيدانى» ۋە «چارۋىچىلىق مەيدانى» دا ئىشلەپ كىرىشىپ كېتىپ، بىلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم. بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ۋاقتىمنى قايتا تەڭشىمىسەم بولمىدى…