Monthly Archives: July 2012

ۋوردپرەس 3.4 ئىستاتىستىكىسى

ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، 44 خىل تىلدىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 8 مىليوندىن ئېشىپتۇ. ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 5500 قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپتۇ. ۋوردپرەس ھازىرمۇ سېكۇنتىغا بىر قېتىمدىن كۆپرەك تېزلىكتە چۈشۈرۈلمەكتە.( مەنبە: ۋوردپرەس ئىستاتىستىكىسى http://wordpress.org/download/counter/)

Advertisements

تاماقنى ئازلىتىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ

ئەنگىلىيە لوندون كولىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار گېن بىلەن تۇرمۇش شەكلىنىڭ قېرىلىشىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۈزىتىش جەريانىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا، تاماقنىڭ مىقدارىنى 40 پىرسەنت ئازلىتىش ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتىن ئۆمۈرنى 20 يىل ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ( مەنبە:MSN تورى، 2012年7月18日 13:00 ロケットニュース24)

بۈگۈن يېڭى ئاي چىقىدۇ

ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بۈگۈن رامىزان ئېيىنىڭ 1- كۈنى، يەنى رامىزان باشلانغان كۈن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە دۆلەتلىك رەسەتخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، توكيودا تۈنۈگۈن (19- ئىيۇل) كەچ سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاي قۇياشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن پېتىپ بولغان، يەنى يېڭى ئاي كۆرۈنمىگەن. بۈگۈن بولسا قۇياش 6 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاي 7 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە پاتىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولسا يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولىدۇ.( پايدىلانما: رەسەتخانا تورى)
قۇياشنىڭ چىقىش- پېتىش ۋاقتى: http://eco.mtk.nao.ac.jp/koyomi/dni/2012/hdni13123.html
ئاينىڭ چىقىش- پېتىش ۋاقتى: http://eco.mtk.nao.ac.jp/koyomi/dni/2012/mdni13123.html

Windows 8 ئۆكتەبىردە

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 18- ئىيۇلدىكى يىغىنىدا، Windows 8 نىڭ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە قارىتا 26- ئۆكتەبىردىن باشلاپ رەسمىي سېتىشقا باشلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇ قېتىمقى نەشرى 109 خىل تىلدا دۇنيادىكى 231 بازاردا سېتىلىدۇ. كېلەر يىل يانۋارنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرىكى نەشرلىرىدىن توردا 39.99 دوللارغا، دىسكىدا 69.99 دوللارغا يېڭىلاشقا بولىدۇ.( مەنبە: ياخۇ تورى، マイナビニュース 7月19日(木)7時10分配信)

بۇرادەر

2012- يىل 15- July

تۆۋەندىكىسى توردىشىمىز بۇرادەرنىڭ مەسلىھەت سوراپ يازغان تېمىسى. بۇ تېمىنىڭ قانداق قىلىپ يازما ھالىتىدە چىقىپ قالغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم.
———————-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
كېلەر ئايدا ئۆيگە بېرىپ كېلەي دېگەن، نەدىن، كىمدىن ئەرزانراق بېلەت ئالغىلى بولىدۇ، مەسلىھەت بېرەلەرسىزمۇ؟