Monthly Archives: August 2011

ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىستىپا بەردى

2010- يىل 4- ئايدا ئامېرىكىنىڭ «بايقاش» ناملىق ئالەم كېمىسىدە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چىقىپ ئىككى ھەپتە ۋەزىپە ئۆتىگەن، بۇ يىل 10- ئايدا 2- بالىسىنى يەڭگىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 40 ياشلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى نائوكو يامازاكى خانىم ياپونىيە ئالەم قاتنىشى ۋە ئاۋىئاتسىيە تەتقىقات ئېچىش ئورگىنى (JAXA) دىكى خىزمىتىنى بۈگۈن توختىتىپ ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىنچە ئالەم سانائىتىنىڭ كەسىپ ئەھلى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.( مەنبە: ماينىچى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ھېيت مۇبارەك

ئايىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!!! ياپونىيىدىكى يۇرتداشلارنىڭ، يۇرتتىكى ئۇرۇق- تۇغقان- دوست- بۇرادەرلەرنىڭ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن! ھەر بىر كۈننىڭ ھېيتتەك خۇشال ئۆتۈشىنى تىلەيمەن! ھەممەيلەنگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ۋە بەخت- ئامەت ھەر ۋاقىت يار بولغاي!

توكيودا ھېيت نامىزى

تۈرك مەسچىتىدىكى بۈگۈنكى ھېيت نامىزى سائەت سەككىز يېرىملاردا باشلىنىپ، توققۇزلار بىلەن ئاياغلاشتى. كېلەلىگەن تونۇش- بىلىش- دوست- يار- ئاغىنىلەر بىلەن سالاملىشىپ بولۇپ ئىشىمغا ماڭدىم. دەم ئېلىش كۈنى ئەمەسلىكىگە قارىماستىن خېلى كۆپ ئادەم يىغىلىپتۇق. يېقىندا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى چاقىرغانلارمۇ چوڭلارنى بىللە ئاپىرىپتۇ. ئىنشائاللا، ئەمدى قۇربان ھېيت نامىزىدا سالامەت يۈز كۆرۈشكىلى نېسىپ بولغاي.

ئەتە ھېيت نامىزى

شۇنداق قىلىپ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىمۇ ئاخىرلاشتى. تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە رامىزاننىڭ 30- كۈنى، يەنى ئەتە روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. ئىنشائاللاھ، بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا يويوگى ئۇئېخارادىكى تۈرك مەسچىتىگە بېرىپ ئوقۇپ، نامازدىن يېنىپ ئىشقا كەلمەكچى.

يەنە ئاندرويىد

ئىككى ھەپتىدىن بېرى شىركىتىمىزنىڭ ئاندرويىد سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان مەھسۇلاتى ئۈچۈن پىروگرامما تۈزۈپ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. نۆۋەتتە ئاساسلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سىناق نەشرى تەييار بولدى. ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق ماڭسا، رەسمىي مەھسۇلاتىمىزنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بازارغا سېلىشقا مۇمكىن بولغۇسى.

ۋىرجىنىيەدە يەر تەۋرىدى

شۇ جاي ۋاقتى 23- چېسلا سەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 01:51 دە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ Mineral شەھىرىگە 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، شىمالىي كەڭلىك 37.936 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.933 گىرادۇستا، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 6 كىلومېتىر بولغان. يەر تەۋرەش ۋاشىنگتون ۋە نيۇيوركقىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ۋىرجىنىيە تارىخىدىكى 2- چوڭ يەر تەۋرەش ئىكەن.(مەنبە: CNN تورى)

دۇنيادىكى تور ئىشلەتكۈچىلەر

ئىستاتىستىكا تور بېتى internetworldstats.com نىڭ 20- چېسلا ئېلان قىلىشىچە، دۇنيادىكى تور ئىشلەتكۈچىلەر 2 مىليارد 100 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچ ئۈلۈشىنى تەشكىل قىلغان. ئادەم سانى جەھەتتە جۇڭگو 485 مىليون ئادەم بىلەن 1- ئورۇندا، ئاھالىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە موناكو %97.6 بىلەن 1- ئورۇندا تۇرغان. ياپونىيەدە بولسا %78.4، ئامېرىكىدا %78.2 دېگەندەك بولۇپ، شەرقىي تېمۇر 2100 ئادەم بىلەن ئارقىدىن سانىغاندا 1- ئورۇندا تۇرغان.( مەنبە: CNN تورى)