Monthly Archives: March 2011

يەر تەۋرىدى 41

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فۇكۇشىما 1- يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ماشىنا ئادەم (روبوت) ئىشلىتىش ھەققىدە مۇزاكىرە بولۇۋېتىپتۇ. يەنە، ئامېرىكا ئاي-روبوت شىركىتى (iRobot Corporation) ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا بومبا تازىلاشقا ئىشلەتكەن ماشىنا ئادىمى PackBot تىن ئىككىنى ۋە 100 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى يۈكنى يۆتكىيەلەيدىغان ماشىنا ئادىمى Warrior دىن ئىككىنى 6 خىزمەتچى بىلەن قوشۇپ 26- چېسلاغىچە ياپونىيەگە ماڭدۇرۇپتۇ. توشىبا، پاناسونىك، شارپ قاتارلىق شىركەتلەر ئاپەت رايونىدىكى ۋاقىتلىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ھەقسىز ياردەم قىلىۋېتىپتۇ.

يەر تەۋرىدى 40

ئويلاپ باقسام، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن بېرى كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزور ياكى تورلاردا كۆرگەن ئۇچۇرلارنى تومتاقلا قىلىپ بلوگىمغا يوللاپ كەپتىمەن. بۇلارنىڭ بۇ ياقتىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھۋالىنى بىلگۈسى كەلگەن تورداشلارغا پايدىسى بولدىمۇ بىلمىدىم. نۆۋەتتە ئەھۋال بارغانسېرى ياخشىلىنىپ مېڭىشقا باشلىدى. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كونترول قىلىنسىلا، باشقا ئەنسىرىگۈدەك ئىش قالمىدى. مەنمۇ ئەمدى ئاپەت يۈز بەرگەندىن بۇيان بىزدىن كۆپ ئەنسىرەپ ئالاقە قىلغان ۋە ياخشى تىلەكلەر بىلەن بىزگە ئىلھام بېرىپ كەلگەن تورداش- قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپەت ھەققىدىكى «مەلۇمات» لىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىش خىيالىغا كەلدىم. خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگىمنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالماسلىقىم مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەپ كەتمىگەيسىزلەر. ئىنشائاللاھ، يېڭى خەۋەرلەر بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.

يەر تەۋرىدى 39

كۈندىلىك تۇرمۇش ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. خېلىدىن بېرى تاپقىلى بولمايۋاتقان بولكا، ئۇن، تازىلىق قەغىزى، شام، قولچىراغ ۋە يەنە يېقىلغۇ ماي قاتارلىقلار بارا- بارا تولۇقلىنىشقا باشلىدى. ئاپەتتىن پاناھلىنىۋاتقانلارنى يۆتكەش- قۇتقۇزۇش ئىشلىرى، ئۇرۇغ- تۇققانلارنىڭ يۈز كۆرۈشۈشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇغىنىسى زور مىقداردا رادىئاتسىيىلەنگەن سۇنىڭ يەر ئاستىغا يىغىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى سوۋۇتقۇچقا توك يەتكۈزۈش ئىشى ئاقساپ قېلىۋاتىدۇ.

يەر تەۋرىدى 39

ئاساخى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى رادىئاكتىپ بۇلغىنىشنىڭ دەرىجىسى 6- دەرىجىگە تەڭ ئىكەنلىكى ئېيتىلدى. ھازىرغىچە ئېقىپ چىققان رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاددى ھېساب بىلەن 30-110 مىڭ تېرا بېككېرېل (becquerel) بولغان، گەرچە ھازىرچە چېرنوبىلدىكى بۇلغىنىش (7- دەرىجە، 1 مىليون 800 مىڭ تېرا بېككېرېل) تىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئورۇنلار (40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىئىتاتى كەنتى) دىكى تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى ھەر كۇۋادىرات مېتىردا 3 مىليون 260 مىڭ بېككېرېل بولۇپ، چېرنوبىلدىكى بۇلغىنىشتا ئاھالە كۆچۈرۈش ئوبيېكتى بولغان يەرلەرنىڭ 6 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. ناۋادا فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن چىقىۋاتقان رادىئاكتىپ ماددىلار كونترول قىلىنماستىن داۋاملىق چىقىۋېرىدىغان بولسا، چېرنوبىلدىكىدەك ئاقىۋەتنى كۆرۈلمەيدۇ دېگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
نۆۋەتتە تۇرۇبا سۈيىدىن رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش بايقالغان رايونلار كۆپەيمەكتە. گەرچە بوۋاقلارغا قارىتا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ بۇلغىنىشنىڭ چوڭلارغا قارىتا تەسىرى يوق ياكى ئاز دېيىلىۋاتسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئەندىشە قىلماقتا.

يەر تەۋرىدى 38

قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگىنىگە بۈگۈن ئىككى ھەپتە بولدى. ساقچى نازارىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن كەچ سائەت 11 غىچە 9523 كىشى قازا قىلغان، 16 مىڭ 94 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىغان. نۆۋەتتە 16 ناھىيىدىكى  256 مىڭ 700 كىشى يەنىلا پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا ياشاۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن توكيونى تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ تازىلاش ئورنىدا ئۆلچەمدىن ئارتۇق رادىئاكتىپلىق ماددا بايقالغاندىن كېيىن ماگىزىنلاردىكى مېنىرال سۇلار سېتىلىپ تۈگىدى. توكيو مەركىزىي ھۆكۈمىتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان 23 رايون ۋە 5 شەھەردىكى يېشىغا توشمىغان 80 مىڭ بالىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 3 بوتۇلكىدىن مېنىرال سۇ تارقىتىشنى باشلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:56 دە ئىباراكى ناھىيىسىدە 5 بال يەر تەۋرىدى. بىز تۇرۇۋاتقان يەرگە 3 بال تەسىر قىلدى. قالدۇق يەر تەۋرەش توختىمايۋاتىدۇ.

يەر تەۋرىدى 37

فۇكۇشىما 1- يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 3- رېئاكتورىنىڭ كونتروللاش مەركىزىگە توك يەتكۈزۈلۈپ، رادىئاكتىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاساس يارىتىلدى. شۇغىنىسى، ھازىرغىچە تارقالغان رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ تەسىرىدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يېقىن جايلاردىكى تۇپراق ۋە دېڭىز سۈيىدىمۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن رادىئاكتىپ ماددىلار بايقالدى. فۇكۇشىما ۋە ئىباراكى ناھىيىلىرىدىكى كاللەكبەسەي، چامغۇر، ياۋروپا كەرەپشىسى (パセリ)  قاتارلىق 11 تۈرلۈك كۆكتاتتىمۇ ئۆلچەمدىن ئارتۇق رادىئاكتىپ ماددا بايقىلىپ، بۇ كۆكتاتلارنى يۆتكەش ۋە سېتىش چەكلەندى. بۇ سەۋەبلىك زور زىيانغا ئۇچرىغان بېلىقچىلار ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ زىيىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇۋاتقان توكيو ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى، ئاز بىر قىسمىنى دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىنكەن.

يەر تەۋرىدى 36

11- چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 02:46 دە دېڭىز ئاستىدا يۈز بەرگەن M9 بال يەر تەۋرەش قۇرۇقلۇققا 7 بال تەسىر قىلدى. شۇ قېتىملىق تەۋرەشتىن تارتىپ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00 كىچە بولغان قالدۇق يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى بىرەر قۇر تىزىپ باقتىم. قۇرۇقلۇققا تەسىر قىلغان كۈچى بويىچە 6 بال تەۋرەش 2 قېتىم، 5 بال 7 قېتىم، 4 بال 56 قېتىم يۈز بېرىپتۇ. 16- چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 01:20 دىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 05:00 كىچە 3 بال تەۋرەش 61 قېتىم، 2 بال تەۋرەش 38 قېتىم، 1 بال تەۋرەش 85 قېتىم يۈز بېرىپتۇ. توردا ئەڭ يېقىنقى 200 قېتىملىق تەۋرەش خاتىرىسىلا بار ئىكەن. 16- چېسلادىن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنى توردىن تاپالمىدىم.