Monthly Archives: June 2012

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى

ۋوردپرەس 3.4 ئىنگىلىزچە نەشرى چىقىپ ئون سائەت بولغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ تەييار بولۇپ ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى ھەم تۆت سائەتتىلا 200 قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن(^_^)
http://ug.wordpress.org/

توكيو بىرىنچى

ھەر يىلى دۇنيادىكى 214 شەھەرنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى مال باھاسى قاتارلىق 200 نەچچە تۈر بويىچە نيو يوركقا سېلىشتۇرۇپ رەتكە تىزىپ چىقىدىغان Mercer شىركىتىنىڭ 2012- يىللىق ئىستاتىستىكىسىدا توكيو ئۆتكەن يىلقى 2- ئورۇندىن بۇ يىل 1- ئورۇنغا ئۆتكەن. ئوساكا 3- ئورۇندا، شياڭگاڭ 9- ئورۇندا، ناگويا 10- ئورۇندا، شاڭخەي 16- ئورۇندا، بېيجىڭ 17- ئورۇندا، شېنجېن 30- ئورۇندا، گۇاڭجۇ 31- ئورۇندا، نيۇ يورك 33- ئورۇندا تۇرغان. ئەجەبلىنەرلىكى، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى بىر لىتىر سۈتنىڭ باھاسى( 3.42 ۋە 3.34 دوللار) توكيودىكىدىنمۇ( 3.21 دوللار) قىممەت ئىكەن.( مەنبە: MSN تورى، Mercer شىركىتى تور بېتى http://www.mercer.co.jp/press-releases/1464595)

MapsMarker قىستۇرمىسى

بۈگۈن MapsMarker قىستۇرمىسىنىڭ ئاپتورى روبېرت ئەپەندى ۋوردپرەس ئورگان تورىدىكى ئالاقە بېتى ئارقىلىق ماڭا خەت يېزىپتۇ. ئۇ خېتىدە مەزكۇر قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ياكى شۇنداق بىركىمنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇنى ۋاقتىم چىققاندا ئۆزۈملا تەرجىمە قىلىۋېتەي دەپ ئالاقىلىشىۋىدىم، ئۇ كىشى دەرھاللا تور يۈزىدە تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر قىستۇرما ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان بولدى.
http://translate.mapsmarker.com/projects/lmm

ياپونىيە 6-0 ئىئوردانىيە

بۈگۈنكى دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئۆزىدىن كۆپ ئاجىز بولغان ئىئوردانىيە كوماندىسىنى 6-0 نەتىجە بىلەن يېڭىۋالدى. كېيسۇكې خوندا بۇ مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىدى. ياپونىيە كوماندىسى ئەمدى 12- چېسلا مېھمان مەيداندا ئاۋسترالىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.

ۋوردپرەس 3.4 RC2 نەشرى

بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ۋوردپرەس 3.4 رەسمىي نەشرى چىقامدىكىن دەپ ساقلىسام، بۈگۈن 2- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى چىقىپتۇ. رەسمىي نەشرى كېيىنكى ھەپتىدە تارقىتىلىدىكەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىغۇ ئاساسەن تەييار، لېكىن CSS نى تەھرىرلەش ۋە سىناشقا يەنىلا ۋاقىت كېتىدۇ- دە. ھەپتە ئاخىرى بولسا بىر كېچە ئولتۇرساملا پۈتەتتى.