Monthly Archives: May 2011

Asus Padfone

تەيۋەننىڭ Asus شىركىتى 30- چېسلا ئۆزىنىڭ ئاندرويىدلىق ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېر بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى. ئەقلىيفوننى ئاندرويىد تاختا كومپيۇتېرىنىڭ كەينى تەرىپىگە چاتقاندىن كېيىن تاختا كومپيۇتېردا 3G ئارقىلىق تورغا چىقىشقا، ئەقلىيفوندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشكە ۋە ئەقلىيفوننى زەرەتلەشكە بولىدىكەن.(مەنبە: ئاي تى مېدىيا خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

توك ۋە گاز باھاسى يەنە ئۆسىدۇ

توك بىلەن تەمىنلەيدىغان 10 شىركەت ۋە گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان تۆت چوڭ شىركەت 7- ئايدىكى توك ۋە گازنىڭ باھاسىنى 6- ئايغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ئون يېندىن تارتىپ يۈز نەچچە يېنغىچە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باھانىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئاساسلىقى نېفىت، سويۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاتارلىق يېقىلغۇلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەب بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى يېقىلغۇ باھاسىغا قاراپ باھانى ھەر ئايدا تەڭشەپ تۇرىدىغان بۇ 14 شىركەتنىڭ باھانى تۆت ئاي ئۇدا ئۆستۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ئۈچ كۈندىن بېرى يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

سىم- سىم يامغۇرنىڭ بىردە كۈچىيىپ، بىردە ئاجىزلاپ توختىماي يېغىۋاتقىنىغا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى. ھاۋارايىدىن مەلۇماتقا قارىسام بۇ ھەپتە ئاساسەن ھەر كۈنى يامغۇر ياغىدىكەن. بەزى رايونلارغا قارىتا قاتتىق يامغۇر ئاگاھلاندۇرۇلۇشىمۇ تارقىتىلىپتۇ. بىر ئايغىچە قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدىغان «قارىئۆرۈك يامغۇرى پەسلى» يېتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.

ۋوردپرەس 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى

ۋوردپرەس 3.1.3 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى. ئورگان تورىدىن ياكى بىلوگباستىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. باشقۇرۇش بېتىڭىزدە ئاپتوماتىك يېڭىلىماقچى بولسىڭىز، ئاۋال ساندان ۋە ئۆزگەرتكەن ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. بىخەتەرلىكنى ئويلاشقاندا يېڭىلىۋېلىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
http://ug.wordpress.org/ http://yengiliqlar.blogbus.com/

ۋوردپرەس 3.1.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلماقچى

نەچچە كۈندىن بېرى خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا ۋوردپرەس 3.1.3 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تارقىتىشقا ياكى 3.2 نەشرىنىڭ 2- سىناق نۇسخىسىنى سىناپ بېقىشقا پەقەتلا ۋاقىت چىقمىدى. ئىنشائاللاھ، بۈگۈن كەچتە ھېچبولمىغاندا 3.1.3 نەشرىنىمۇ بولسا تارقىتالارمەن دەپ ئويلاۋاتىمەن. 3.2 نەشرىنى سىناپ بېقىشقا ئەتىگىچە ۋاقىت چىقىپ قالار.

ۋوردپرەس 3.2 دىكى كروم رامكىسى ۋە IE6

ۋوردپرەس ئورگان بىلوگىدىكى يازما مەزمۇنىغا قارىغاندا، ۋوردپرەس 3.2 نەشرى گۇگۇل كروم رامكىسىنى قوللايدىكەن. شۇڭا باشقۇرۇش بېتىنى IE 6 دىمۇ نورمال كۆرگىلى بولىدىكەن.

پويىزلار داۋاملىق توك تېجەۋېتىپتۇ

بۈگۈن خىزمەت بىلەن سىرتقا چىققان، قارىسام پويىزلارمۇ ۋاگون ئىچىدىكى ئادەتتە كۈندۈزدىمۇ دائىم يېنىقلىق تۇرىدىغان چىراغلىرىنى پەقەت چوڭراق ۋوگزاللاردا توختاشنىڭ ئالدى- كەينىدىلا قىسقا ۋاقىت ياندۇرۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا توك تېجەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆچۈرۈۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۈستى يېپىق ۋوگزاللاردا سەل قاراڭغۇلۇقتا قالىدىكەنمىز.