Monthly Archives: January 2011

سايتاما ناھىيىسىدىكى 47 ياشلىق ئىشسىز بى…

سايتاما ناھىيىسىدىكى 47 ياشلىق ئىشسىز بىر ئەر كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ جەسىتىنى ئۆيىدە ساقلىغانلىق سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان. ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشى 3 يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىدىن «ئايرىلغۇسى كەلمىگەن» لىكىنى ئېيتقان.( مەنبە: ماينىچى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

84 مىڭ تال چاچ ساناپ چىقىلدى

تاماشىبىنلاردىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىپ بېرىدىغان «シルシルミシル» نامىدىكى بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، «ئادەمنىڭ قانچە تال چېچى بار» دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سانىغۇچى ۋە سانالغۇچى بولۇپ ئىككى ئادەم 10 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 22 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ 84 مىڭ 796 تال چېچى بارلىقىنى ساناپ چىققان. تونۇشتۇرۇلىشىچە، ياپونىيىلىكلەرنىڭ چېچىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى 100 مىڭ تال ئىكەن.( مەنبە: ئاساخى تېلېۋىزىيىسى 26-يانۋار پروگراممىسى)

تويوتا ماشىنىلىرى ئەڭ كۆپ سېتىلدى

تويوتا شىركىتىنىڭ 24- چېسلادىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2010- يىلدا پۈتۈن دۇنيادا سېتىلغان ماشىنىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، 8 مىليون 418 مىڭغا يەتكەن ھەم ئامېرىكا GM شىركىتىنىڭ 8 مىليون 389 مىڭلىق سەۋىيىسىدىن ئېشىپ، ئۇدا 3 يىل بىرىنچى بولغان.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

دوكومو: جۇڭگو ۋە كورىيىدە

ئېن تى تى دوكومو شىركىتى 18- چېسلا ئۆزىنىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە كورىيە KT شىركىتى بىلەن يانفون ساھەسىدە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۈچ شىركەت ئەقلىيفون مۇلازىمىتى ۋە LTE تور تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ تورى)

ئىش تېپىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولدى

ئەمگەك- پاراۋانلىق ۋازارىتى بىلەن مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ئىلىم- پەن ۋازارىتىنىڭ 18- چېسلادىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل باھاردا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆتكەن يىل 1- دېكابىرغىچە خىزمەت تاپالىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران %68.8 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن 4.3 پوئىنت تۆۋەن بولغان. بۇ، ئىستاتىستىكا قىلىنىۋاتقان 15 يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ئىكەن.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

UFJ بانكىسى مائاش ئۆستۈردى

مىتسۇبىشى توكيو UFJ بانكىسى بۇ يىل 4- ئايدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى مائاشىنى 3 تۈمەن 1000 يېن ئۆستۈرۈپ 20 تۈمەن 5000 يېنغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

نىنتېندو 3DS سېتىلىش ئالدىدا

ئالدىنقى يازمىدا دېيىلگەن نىنتېندو شىركىتىنىڭ كۆزەينەك كەتمەيدىغان 3D ئويۇنچۇقىغا 20- نويابىردىن باشلاپ ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى سودا سارايلىرىدا زاكاز قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن.( مەنبە: MSN تورى)