Monthly Archives: April 2012

WordPress 3.3.2 & WordPress 3.4 beta 3

ئۈچ كۈن بۇرۇن بىخەتەرلىك يېڭىلىنىشى بولغان ۋوردپرەس 3.3.2  نىڭ ئىنگىلىزچە نەشرى تارقىتىلدى. بىرلا ۋاقىتتا ۋوردپرەس 3.4 نەشرىنىڭ 3- سىناق نۇسخىسىمۇ تارقىتىلدى. يېقىنقى ئالدىراشچىلىقلار ۋە ۋوردپرەس 3.4 نەشرىنىڭ بىرەر ئاي ئىچىدە تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە 3.4 نەشرىنى ساقلاپ تۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

Advertisements

گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىۋاتىدۇ

باياتىن تۇرۇپلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ – چاقماقلار چېقىپ، شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. يانفونۇمدىكى ئاپەت ئۇچۇرى قوبۇللايدىغان ئەپ ھەر ئون مىنۇتتا بىر قېتىمدىن ئۇچۇر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا سائىتىگە 136 مىللىمېتىرلىق دەرىجىدە يامغۇر ياغىدۇ دېيىلىپتۇ. شۇ تاپتا يېنىمدا ئوغلۇم يېنىك نەپەس ئېلىپ شېرىن ئۇيقۇدا، ئايالىم ياندىكى ئۆيدە ماقالىسىنىڭ تەييارلىقى بىلەن، مەن مۇشۇ يامغۇردا سىرتتا قالغانلارنى، مۇشۇنداق يامغۇرغا زار جايلار ۋە ئىنسانلارنى ئويلىغاچ يانفوندا تور كوچىلاپ ئولتۇرماقتىمەن.

ئارامچىلىق يوق

يېقىندىن بېرى ئالدىراشچىلىقلارغا قوشۇلۇپ كۆڭۈلگىمۇ ئارامچىلىق بولمايۋاتىدۇ. بىر ئىش تۈگىسە يەنە بىرى چىقىۋاتقان، بىر كۈن كۈلۈپ قويساق بىر نەچچە كۈن دەردىنى تارتىۋاتقان. بولمىسا سالامەتلىكتىن كېيىنلا خاتىرجەملىك تىلەپ تۇرىمىز، شۇنداقتىمۇ يەنىلا بۇنداق ئىشلار تۈگىمەيدىكەن…

WordPress 3.4 Beta 1

ۋوردپرەس 3.4 نەشرىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى چىقىپتۇ. رەسمىي نەشرى كېلەر ئايدا تارقىتىلىدىكەن. سىناق نۇسخىسى ئاۋالقىدەكلا ئۇيغۇرچە تارقىتىلمايدۇ. قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرگەيسىلەر. http://wordpress.org/news/2012/04/wordpress-3-4-beta-1/

بۈگۈن بالدۇر قايتتۇق

بۈگۈن توكيودا بوران ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلغاچقا، پويىزلارنىڭ توختاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشتىن بالدۇر چۈشتۇق. شۇ تاپتا پويىزدا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن. سىرتتا دېڭىز بورىنى كەلگەندەك بوران چىقىپ قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. ۋوگزالدىن ئۆيگە بارغۇچە سۇغا چۈشكەن مۈشۈكنىڭ ئۆزى بولىدىغان بولدۇم.