Monthly Archives: November 2011

بۇ يىلقى ئەڭ ئاجىز 25 پارول

ئامېرىكىنىڭ SplashData شىركىتى رەتكە تۇرغۇزغان بۇ يىلقى ئەڭ ئاجىز 25 پارول تۆۋەندىكىچە:

1. password, 2. 123456, 3. 12345678, 4. qwerty, 5. abc123, 6. monkey, 7. 1234567, 8. letmein, 9. trustno1, 10. dragon, 11. baseball, 12. 111111, 13. iloveyou, 14. master, 15. sunshine, 16. ashley, 17. bailey, 18. passw0rd, 19. shadow, 20. 123123, 21. 654321, 22. superman, 23. qazwsx, 24. michael, 25. football

( مەنبە: MSN تورى، 2011年11月28日 16:57 ギズモード・ジャパン)

Advertisements

Galaxy Nexus چىقىدۇ

ئېن تى تى دوكومو شىركىتى ئۆزىنىڭ ئاندرويىد 4.0 سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان سامسۇڭ Galaxy Nexus ئەقلىيفونىنى 2- دېكابىردىن باشلاپ بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.( مەنبە: MSN تورى، 2011年11月29日 18:24 RBB TODAY)

NEC Touch Desk?

NEC شىركىتى بىرلا ۋاقىتتا 10 ئورۇننى چېكىپ مەشغۇلات قىلغىلى، ئەقلىيفون ياكى ئوخشاش كومپيۇتېر ئارىسىدا ناھايىتى قولاي ھالدا ماتېرىيال ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، Windows 7 دە ئىشلەيدىغان ئۈستەل يۈزى شەكلىدىكى چوڭ سېزىمچان ئېكرانلىق كومپيۇتېرنى كېلەر يىلىدىن باشلاپ 300 تۈمەن يېن ئەتراپىدا سېتىشنى باشلايدىكەن. ( مەنبە: تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى)

نېيترىنو نۇردىن تېز چىقتى

نېيترىنو (neutrino) نىڭ نۇردىن تېز تارقىلىدىغانلىقىنى بايقىغان خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى OPERA بۇ قېتىم يەنە جەنۋەدىن ئىتالىيىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىغىچە بولغان 730 كىلومېتىرلىق ئارىلىقتا تېخىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتا قايتا تەجرىبە ئىشلەپ، ئالدىنقى قېتىمغا ئاساسەن ئوخشاش بولغان 57.8 نانوسېكۇنت پەرققە ئېرىشكەن. لېكىن ۋاقىتنى ئۆلچەشتە ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا GPS ئىشلەتكەچكە، ئالدىنقى قېتىملىق نەتىجىگە بولغان گۇمان تولۇق يوقالمىغان.
( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى 読売新聞 11月18日(金)22時44分配信) مۇناسىۋەتلىك يازما: http://wp.me/p15zzH-jr

يەتتە بال: %15

مېتېئورولوگىيە نازارىتى 18- چېسلا ئالدىنقى قېتىم M9.0 بال يەر تەۋرىگەن مىياگى ناھىيىسىگە يېقىن دېڭىزدا بۇندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە M7 بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرەش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى 15 پىرسەنت دەپ پەرەز قىلغان دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
( مەنبە: ماينىچى خەۋەرلىرى 毎日新聞 11月18日(金)22時10分配信)

بورانلىق يامغۇر

ھازىرقى پەسىلگە ماس كەلمەيدىغان قاتتىق يامغۇر كۈچلۈك شامالغا قوشۇلۇپ بۈگۈن بىر كۈن يېغىپ چىقتى. ھېلىھەم توختايدىغاندەك ئەمەس. چىبا ناھىيىسىدە قاتتىق يامغۇر ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ تارقىتىلىپتۇ. ئەتە سەھەرگىچە سائىتىگە 40 مىللىمېتىر يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى بولغان رايونلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.