Monthly Archives: June 2011

ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﻧﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ

ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩﺍ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﯩﻐﺎ ﻗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻮﺧﻪﻱ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻮﻛﻴﻮﻏﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ.

يۇرتقا ئىككى ھەپتىلىك قايتىمەن

ئىنشائاللاھ، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى بۈگۈن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىدىغان بولدۇم. بەلكىم بۇ ياققا يېنىپ كەلگۈچە بولغان ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە بىلوگىمنى يېڭىلىيالماسلىقىم مۇمكىن. ۋوردپرەسنىڭ ئىنگىلىزچە 3.2 رەسمىي نەشرى تارقىتىلغان ھالەتتىمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مەن يېنىپ كەلگۈچە تارقىتىلماسلىقى مۇمكىن. توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

ۋوردپرەس 3.2 RC1 ئۇيغۇرچە تارقىتىلدى

تۈنۈگۈندىن بېرى خەت نۇسخىسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش بىلەن ھەپىلىشىپ ئاخىرى يەرلىك مۇلازىمېتىردا كۆزلىگەن مەقسىتىمگە يەتتىم. شۇنداق قىلىپ ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى سىناق ئۈچۈن تەييار بولدى. كېيىنكى قەدەمدە خەت نۇسخىسىنى باشقۇرۇش بېتىدە تۇرۇپلا تەڭشىگىلى بولىدىغان قىلماقچى.

ۋوردپرەس 3.2RC1 ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدۇ

ۋوردپرەس 3.2 كاندىدات تارقىتىلما نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تەييار قىلىپ سىناپ باقسام، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ تەڭشىلىشىدە يەنە ئازراق مەسىلە كۆرۈلدى. ئاللاھ خالىسا ئەتىگىچە تۈزىتىپ تارقىتىش مۇمكىن بولغۇسى!

قايتىش تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش

يۇرتقا قايتىشنىڭ تەييارلىق ئىشلىىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بىلوگىمغا تۈزۈكرەك بىرەر نەرسىمۇ يوللاپ بولالمىدىم. يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تورداشلارنى نائۈمىد قويىدىغان بولدۇم…

كېلەر ھەپتە يۇرتقا قايتماقچى

ئاللاھ خالىسا كېلەر ھەپتە ئىككى ھەپتىلىك مۆھلەت بىلەن يۇرتقا قايتماقچى بولۇۋاتىمەن. بۇ ئارىلىقتا بەلكىم بىلوگىم يېڭىلانماسلىقى مۇمكىن. ھازىرمۇ تەييارلىقلار بىلەن ئالدىراشچىلىق…

بۈگۈن ئوغلۇم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى

تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن ۋاقىت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن ساغلام بىر ئوغۇل پەرزەنت ئىزباسارىم سۈپىتىدە بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولدى. ئەلھەمدۇلىللاھ! ئىي ئۇلۇغ ئاللاھ، پەرزەنتىمنى ئىمان- ئىنسابلىق، ئەدەبلىك ۋە دىيانەتلىك، ياراملىق يىگىت قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەدەت بەرگەيسەن!