Monthly Archives: April 2011

خالىسانە ياردەم 7

ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ 2ﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﻮﻛﻴﻮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺯﺍﻥ- ﻗﻮﻣﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ، ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯚﻳﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﺮﺍﻕ ﺋﻮن ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﮬﯟﻩﺧﺎﻧﯩﺪﺍ 2 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﻮﻳﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯘﻕ. ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﻪﻧﺒﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻧﺎﮔﻮﻳﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭘﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺧﻮﻛﻜﺎﻳﺪﻭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻤﯘ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ 43 ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ 700 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ.

خالىسانە ياردەم 6

ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺘﻰ. ﻧﻪﺭﺳﻪ- ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﭖ ﺗﻮﻛﻴﻮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﺪﯗﻕ. ﺋﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ، ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﯞﻩ ﻛﯚﺗﯩﺮﻩﯕﮕﯜ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻢ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺋﺎﺷﺘﻰ…
ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﻯ. ﭘﻪﺳﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻱ- ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ.

خالىسانە ياردەم 4

ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﻪﻙ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ- ﺋﻮﻧﺎﮔﺎﯞﺍ 1- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﯘﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﻛﻪﻟﺪﻯ…

خالىسانە ياردەم 3

ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﻳﻪﺗﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻐﯩﭽﻪ 300 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﯗﻕ.

خالىسانە ياردەم 3

ﻛﯜﻥ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻴﺎﮔﻰ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﯩﻤﺎﻛﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯜﮔﯜﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﯦﻲ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ، ﺋﯚﺯ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﻧﺎﮬﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﯩﺰ.

خالىسانە ياردەم 2

ﺑﯘ ﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﯚﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺗﺎﯓ ﺳﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﯘﻗﯩﺮ ﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﺎﮔﻮﻳﺎ ﯞﻩ ﺋﻮﺳﺎﻛﺎﻧﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺗﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ.

خالىسانە ياردەم

ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻛﯩﻤﻮﺗﻮ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ 43 ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﻪﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ.