Monthly Archives: December 2010

يېقىلغۇ ماينىڭ باھاسى ئۆستى

نۆۋەتتە يېقىلغۇ ماينىڭ باھاسىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا سەل- پەل ئۆرلەش كۆرۈلگەن. يەنى ئادەتتىكى بېنزىننىڭ ھەر لىتىرى 7-8 يېن، بىر باك (18 لىتىر) كىرسىننىڭ بولسا 150-170 يېن قىممەت بولغان. بۇنىڭغا خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىت باھاسىنىڭ ئىزچىل يۇقۇرى بولۇشى سەۋەب بولغان.(مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

Advertisements

ماشىنىلار قاردا ماڭالمىدى

فۇكۇشىما ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 49- نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىدا 300 نەچچە ماشىنا 12 كىلومېتىر ئارىلىقتا قېلىن قارنىڭ تەسىرىدە ماڭالماي توختاپ قالغان.(مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ئېلېكترون ئۇچۇر- تېخنىكا قۇرۇلۇشى بىرلەش…

ئېلېكترون ئۇچۇر- تېخنىكا قۇرۇلۇشى بىرلەشمىسى (JEITA) نىڭ 24- چېسلادىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاي ئىچىدە سېتىلغان كومپيۇتېر 698 مىڭغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %3.8 ئېشىپ، ئۇدا 15 ئاي ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ ماڭغان. بۇنىڭ 480 مىڭى لەپتوپ ئىكەن. يەنە، 77 مىڭ كومپيۇتېرغا رەقەملىك تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچى ئورنىتىلغان ئىكەن. 11- ئايدىكى سېتىلىش سوممىسى 63 مىليارد 600 مىليون يېن بولغان.(مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سوئال

سوئال- جاۋاب تورى OkWave نىڭ 2010- يىللىق ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سوئال «ھاراق كۆتىرەلمەيدىغان ئايال بىلەن ھاراق كۆتىرەلەيدىغان ئايالنىڭ قايسىسى بەكراق جەلپكار؟» بولغان. يەنە، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزنىڭ رەت تەرتىپى «ئايفون 4»، «ئەقلىيفون»، «دۇنيا لوڭقىسى» بولغان.( مەنبە: MSN تورى) http://bit.ly/hTKpyw

كۆزەينەك كەتمەيدىغان تېلېۋىزور

ئالدىنقى يازمىدا تىلغا ئالغان توشىبانىڭ دۇنيادىكى تۇنجى كۆزەينەك كەتمەيدىغان 3D تېلېۋىزورى «كۆزەينەكسىز 3D REGZA» بۈگۈندىن باشلاپ سېتىلىدۇ. 12 سۇڭلۇق بۇ تېلېۋىزورنىڭ باھاسى تەخمىنەن 12 تۈمەن يېن بولۇپ، 25- چېسلا سېتىلىدىغان 20 سۇڭلۇقى بولسا تەخمىنەن 24 تۈمەن يېن بولىدىكەن.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

بىر يىلدا 22 مىڭ ماشىنا ئوغرىلانغان

ساقچى نازارىتىنىڭ 20- چېسلادىكى دوكلاتىدا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن 11- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوغرىلانغان ماشىنا 21 مىڭ 934 بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن %8.5 كېمەيگەن. بۇنىڭ ئىچىدە باھاسى 300 تۈمەندىن ئاشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلارنىڭ ئوغرىلىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلقىدىن %8.6 ئاشقان. كۆپرەك ئوغرىلانغىنى تويوتا شىركىتىنىڭ ماشىنىسى ئىكەن.( مەنبە: MSN تورى)