Monthly Archives: May 2012

ئېھتىماللىق: 280 مىڭدىن بىر

ھەر چارشەنبە كەچ سائەت توققۇزدا كۆرسىتىلىدىغان «راستمۇ- يا؟!» (ホンマでっか!?TV) پروگراممىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى سانىدا كۆرسىتىلىشىچە، غەرب ئەللىرىدىكى تەتقىقاتتا ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك لايىق بىلەن توي قىلىشنىڭ ئېھتىماللىقى 280 مىڭدىن بىر بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.( مەنبە: فۇجى تېلېۋىزىيىسى)

ۋوردپرەس 9 ياشقا كىردى

ۋوردپرەس بۈگۈن توققۇز ياشقا كىردى. ئۇنىڭ توققۇز يىللىق تەرەققىياتىنى ھەقىقەتەن تېز بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرچە تۇنجى ۋوردپرەس بىلوگىغىمۇ 4 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ تۆت يىلدا ئۇيغۇرچە تەرجىمىمۇ ماس ھالدا مۇكەممەللىشىپ ماڭدى. ۋوردپرەسنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئېتىبار بېرىشىگە ئەگىشىپ تەرجىمە خىزمىتىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەنگۈسى!

«پەلەك دەرىخى» تىجارەت باشلىدى

«توكيو پەلەك دەرىخى» (Tokyo Skytree) مۇنارى 22- ماي زىيارەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ مۇنار ئۆزىنىڭ 634 مېتىرلىق ئېگىزلىكى بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تۆمۈر مۇنار» تەختىگە ئولتۇردى. مۇنار قۇرۇلۇشىغا 65 مىليارد يېن ۋە 44 اي ۋاقىت سەرپ قىلىنغان. كېلەر يىل 3- ئايغىچە ئۆزىنىڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە سىگنالى تارقىتىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرماقچى.

بىر مىليون «ياقتۇردۇم»

تۋىتتېردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، فەيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زاكېربېرگ بۇ يىل 19- مايدا، يەنى فەيسبۇك پايچېكى تارقىتىلغان كۈننىڭ ئەتىسى 28 يېشىدا توي قىلىپ فەيسبۇكتا ئۆز ھالىتىنى «توي قىلغان» غا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىنىڭ «ياقتۇردۇم» باھاسىغا ئېرىشىپ رېكورد ياراتقان.

ئوقۇغۇچىلاردا يانفون

ياپونىيە PTA مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا يانفون 23 پىرسەنت، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا 45 پىرسەنت ئومۇملىشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقانلىقى مەلۇم بولغان.( مەنبە: ياخۇ تورى، ماينىچى خەۋەرلىرى 毎日新聞 5月21日(月)19時58分配信)

ئالدىراشچىلىقلار داۋاملاشماقتا

كۈنلەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىر- بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا. ھەش- پەش دېگۈچە بۇ يىلنىڭمۇ يېرىمى تۈگەي دەپتۇ. بۇ نەچچە ئاينىڭ قانداق قىلىپ مۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىدىم. خىزمەتمۇ بۇرۇنقىدەكلا ئالدىراش، بىر ئىش تۈگىسە يەنە يېڭىسى چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىلوگ يېڭىلاشقىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمايۋاتىمەن. ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى چىقسا تەرجىمىسىمۇ كېچىكىپ كېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. ئىنشائاللاھ، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار.

بۈگۈن مۆلدۈر ياغدى

تۈنۈگۈندىن بېرى قاتتىق يامغۇر- چاقماق- قۇيۇن ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تارقىتىلغان بولسىمۇ، بىز تۇرۇۋاتقان يەرلەر تىنچ ئۆتكەن ئىدى. لېكىن باياتىن گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرغا قوشۇلۇپ مۆلدۈر يېغىپ كەتتى. نوقۇتتىن چوڭ مۆلدۈرلەر 21- قەۋەتنىڭ بالكونىغىمۇ خېلىلا يىغىلدى. مۆلدۈرنى كۆرۈپ باقمىغىلى تولىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن. مۆلدۈر 10 مىنۇت ئەتراپىدا يېغىپ ئۆتۈپ كەتتى.