Monthly Archives: October 2010

مېيىپلارنى ئىشقا ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن

ئىشچى- خىزمەتچى سانى 56 دىن كۆپ بولغان شىركەت- كارخانىلاردا ئومۇمىي ساننىڭ 1.8 پىرسەنتىگە مېيىپلارنى ئىشقا ئېلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ يىل ئىيۇندا تەكشۈرۈلگەن 72 مىڭ شىركەت ئىچىدە 33 مىڭ 700 شىركەت بۇ شەرتكە توشقان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ 47 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.( مەنبە: NHK خەۋەرلىرى)

Advertisements

تاكسىدا 650 كىلومېتىر

كىرا ھەققىنى «بارغاندا ئۆيدىكىلەر بېرىدۇ» دەپ شوپۇرنى ئالداپ، توكيودىن ئائومورىغىچە بولغان تەخمىنەن 650 كىلومېتىر يولغا سەككىز سائەت تاكسىدا ئولتۇرۇپ، 28 تۈمەن 3800 يېن كىرا ھەققىنى تۆلىمەستىن قېچىپ كەتكەن 15 ياشلىق قىز ئالدامچىلىق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان. (مەنبە: ماينىچى گېزىتى- ياخۇ خەۋەرلىرى)

بىر يېرىم مو يەردىن بىر توننا مەھسۇلات ئېلىندى

ناگانو ناھىيىسىدە بىر يېرىم مو شاللىقتىن ئوتتۇرىچە 680 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىنىدىكەن، لېكىن بۇ ناھىيىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكەن يىلى 1145.9 كىلوگرام ھوسۇل ئېلىنىپ، ئاكىتا ناھىيىسىنىڭ 1960- يىلدىكى 1052.2 كىلوگراملىق رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان. نۆۋەتتە بۇ مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق ھوسۇلىنىڭ قانچىلىك چىقىدىغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا ئىكەن. http://bit.ly/boGmG5

تۇنجى ئېكسكۇرسىيە داۋالاش ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى

ئېكسكۇرسىيە بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن «داۋالاش ئېكسكۇرسىيىسى» ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى «خەلقئارا ئېكسكۇرسىيە داۋالاش ئىلمىي جەمئىيىتى» 9- ئۆكتەبىر قۇرۇلغان. http://bit.ly/bqK47r