Monthly Archives: September 2011

يازلىق مۇكاپات

پاراۋانلىق- ئەمگەك ۋازارىتىنىڭ 29- چېسلادىكى مەلۇماتىدا، مەبلىغى بىر مىليارد يېندىن، ئىشچى- خىزمەتچى سانى 1000 دىن ئارتۇق بولغان ئاساسلىق 380 شىركەت- كارخانىنىڭ بۇ يىل يازدا تارقاتقان مۇكاپات سوممىسى كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 74 تۈمەن 7187 يېن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقىدىن %4.96 ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان.( مەنبە: ياخۇ تورى)

توك- گاز باھاسى ئۆسىدۇ

29- چېسلا ئېلان قىلىنغان 11- ئايلىق توك ۋە گاز باھاسىغا قارىغاندا، ئىيۇندىن ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتىكى سويۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن توك بىلەن تەمىنلەيدىغان 6 شىركەت ۋە گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان 4 شىركەت باھانى 38 يېندىن تارتىپ ئەڭ يۇقۇرىسى 81 يېنغىچە ئۆستۈرىدىكەن. نېفىتقا باغلىق بولغان 4 توك شىركىتى بولسا باھانى چۈشۈرىدىكەن.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ساماۋىي شاھ ئورما ئوردى

ئاكىخىتو ساماۋىي شاھ بۈگۈن ئوردا ئېتىزلىقىغا 5- ئايدا تېرىغان ئىككى خىل سورتتىكى شالنى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا ئۆزى ئورۇپ يىغىۋالدى.
( مەنبە: ياخۇ تورى 時事通信 9月28日(水)19時57分配信 )

تۇنجى بويىڭ 787

پان-ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (ANA) تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سىئاتېل شەھىرىدىكى بويىڭ زاۋۇتىدىن بويىڭ 787 «Dreamliner» ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى رەسمىي مەھسۇلاتىنى ئەسلى پىلاندىن 3 يىل كېچىكىپ تاپشۇرۇپ ئالغان.( مەنبە: رېيتېر ئاگېنتلىقى- MSN تورى)

نۇردىن تېز سۈرئەت

ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ 23- چېسلادىكى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 730 كىلومېتىر ئارىلىقتا ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان 16 مىڭ قېتىملىق سۈرئەت ئۆلچەش تەجرىبە نەتىجىسىدە، نېيترىنونىڭ نۇرغا قارىغاندا 50 مىڭدىن بېر تېز بولغان سۈرئەتتە تارقىلىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ نەتىجىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىپ قالسا، ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىكەن.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- MSN تورى)

سۈنئىي ھەمرا پارچىسى

مەدەنىيەت- ئىلىم- پەن ۋازارىتىنىڭ ھېسابلىشىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان ھاۋارايى سۈنئىي ھەمرىيى UARS ئەتە سەھەر سائەت ئىككىلەردە شىمالىي ئاراللار ئەتراپىدىن، سائەت ئۈچ يېرىمدا ئوتتۇرا قىسىم ياپونىيە زېمىنىدىن، سائەت بەشلەردە ئوكىناۋانىڭ جەنۇبىدىن ئۆتۈشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە ناسانىڭ ھېسابىدا بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ پارچىلىنىىپ بىرەر ئادەمگە سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 3200 دىن بىر دېيىلمەكتە.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)