Monthly Archives: August 2012

دادىنىڭ يېشى ۋە بالىنىڭ گېنى

«تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 22- سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشتا چوڭراق دادىنىڭ بالىسىغا يەتكۈزىدىغان ئۆزگەرگەن گېنى ياش دادىغا قارىغاندا كۆپرەك بولىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن شۇ بالىنىڭ جىمغۇرلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن. نەچچە يىل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، 40 ياشلىق دادىنىڭ بالىسىنىڭ 20 ياشلىق دادىنىڭ بالىسىغا قارىغاندا جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ قېتىم 20 ياشلىق دادىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بالىسىغا يەتكۈزىدىغان گېن خاتالىقى 25، 40 ياشلىق دادىنىڭ بولسا 65 بولىدىغانلىقى، يەنى دادا بىر ياش قېرىسا، يېڭى تۇغۇلىدىغان بالىسىغا 2 گېن خاتالىقىنى ئارتۇق يەتكۈزىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.( مەنبە: ۋال كوچىسى ژۇرنىلى http://jp.wsj.com/Life-Style/node_499188)
سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قالدىمۇ نېمە (;-_-)

Advertisements

‏‏‏يەنە قاتناش ۋەقەسى

‏تۈنۈگۈن گۈدۈكتە ساباھىدىن قارلۇقنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. گەرچە مەرھۇمنى تونۇمىساممۇ، لېكىن 25 ياشلىق نەۋقىران يىگىتنىڭ، يەنە كېلىپ بىر ئىقتىدارلىق تالانت ئىگىسىنىڭ ئارىمىزدىن تۇيۇقسىز كېتىپ قالغانلىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. تېخى يېقىندىلا ئەل سۆيگەن چاقچاقچىمىز تۇداخۇننىمۇ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى دەپ ئاڭلىغان. ماشىنىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن قاتناش ۋەقەلىرىمۇ تەڭلا ئاۋۇپ قاپتۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى بالا- قازادىن يىراق قىلغاي!

‏ئايەم مۇبارەك

‏بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن! ھەممەيلەنگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، شاد- خوراملىق ۋە بەخت- ئامەت ھەر ۋاقىت يار بولسۇن! ھەر بىرەيلەننىڭ ھەر بىر كۈنىنىڭ ھېيتتەك ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.

ۋوردپرەس 10 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى

ۋوردپرەسنىڭ 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 10 مىليون 688 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپتۇ. ھازىرمۇ ئومۇمىي ساندا ئوتتۇرىچە سېكۇنتىغا ئىككى قېتىمدىن چۈشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.( مەنبە؛ http://wordpress.org/download/counter/)

«ھەۋەس» مارسقا قوندى!

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە- ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى( ناسا) 2011- يىل 26- نويابىر قويۇپ بەرگەن مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى «ھەۋەس» (Curiosity) ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 6- چېسلا سەھەر سائەت 01:30 دا مارس يۈزىگە قوندى! بۇ ماشىنا ئىككى مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا پۈتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن بىر توننا، ئۇنىڭغا 17 كامېرا ۋە 10 ئىلمىي ئۆلچىگۈچ ئورنىتىلغان، بۇندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە مارس يۈزىدىكى تۇپراق قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا ئانالىز قىلىپ، مارستىكى ھاياتلىق ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرىدۇ.( مەنبە: تور دۇنياسى)

ئايفونلۇق بولۇپ قالدىم

شۇنداق قىلىپ يېڭى ئىش ئورنىغا يۆتكىلىپ كەلگىنىمگىمۇ ھەپتە بولاي دەپتۇ. يېڭى شىركەتتىكى رەسمىيەتلەر تولۇق پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن تېخىچە ئۈستەل ۋە كومپيۇتېرىم يوق، لېكىن يېڭى ئايفوندىن بىرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئەمدى يازمىلارنى «خاتىرەم» دە يېزىپ تەييارلىۋېلىپ بىلوگىمغا يوللاۋېرىمەن.

Outlook.com ئۇيغۇرچىلاشتى

مىكروسوفت شىركىتى 31-ئىيۇل ئۆزىنىڭ Hotmail ئېلخەت مۇلازىمىتىنى Outlook نامىدا يېڭىلاپ ئېلان قىلدى. بۇ يېڭىلاشتا تىل تۈرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بولۇپ، ئاز بىر قىسىم تەرجىمىنىڭ راۋان بولمىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.