Monthly Archives: March 2012

ئالدىراشچىلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ

يېقىندىن بۇيانقى ئالدىراشچىلىقلار بېسىقماقتا يوق، ئەكسىچە يېڭى- يېڭى ئىشلار بىلەن تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمىز. جاۋادا 3 ھەپتىدە تۈزۈپ چىققان سىناق سىستېما دىرېكتورىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئەمدى ئاندرويىد ئۈچۈن تۈزگەن سىستېمىنى يېڭىلاشقا تۇتۇش قىلىمەن.

مەسىلە ھەل بولدى!

3 ھەپتىدىن بېرى جاۋا تىلىدا تۈزۈۋاتقان پروگراممىدا، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان مىكروفوننىڭ ئاۋازىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردۇم! ئەسلى دەسلەپ ئىشلەتكەن ئۇسۇلۇم توغرىكەن، شۇغىنىسى بىر يەردىكى پۈتۈن سانلىق قىممەتنى 100 گە بۆلۈپ 1.0 دىن كىچىك ئونلۇق كەسىرگە ئايلاندۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغىنىم سەۋەبلىك پروگرامما ئىجرا بولمىغان ئىكەن. پروگرامما تۈزگەندە بەزىدە كىچىككىنە بىر سەۋەنلىكمۇ ئادەمنى خېلىلا ئاۋارە قىلىدۇ.

يەنە يەر تەۋرىدى

باياتىن، يەنى 14- مارت كەچ سائەت 09:05 تە، چىبا ناھىيىسىنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز ئاستىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى. بۇ تەۋرەش چىبا ۋە ئىباراكى ناھىيىلىرىگە كۈچلۈك 5 بال، بىز تۇرغان يەرگە 3 بال بولۇپ تەسىر قىلدى. ھازىرچە ئۆلۈم- يېتىم ئەھۋالىدىن خەۋەر يوق. بىزمۇ ئاللاھقا شۈكرى، ساق- سالامەت.

سولخايلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى

فۇجى تېلېۋىزىيىسىدە ھەر چارشەنبە كەچ سائەت توققۇزدا كۆرسىتىلىدىغان «راست شۇنداقمۇ (ホンマでっか!)» نامىدىكى پروگراممىنىڭ 7- مارتتىكى قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە سولخايلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئوڭخايلاردىن 9 يىل قىسقا بولىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇنىڭ سەۋەبى كېسەللىكتە بولماستىن، بەلكى ھەممە نەرسە ئوڭخايلارغا ماسلاشتۇرۇلغان بۇ دۇنيادا سولخايلارنىڭ قاتناش ھادىسىسى قاتارلىقلارغا كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى، ئوڭ قول كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن شەكىللىنىدىغان روھىي بېسىم قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

كومپيۇتېرېمدا كاشىلا

بۈگۈن ئىشخانىدىكى ۋىندوۋس 7 كەسپىي نەشرى قاچىلانغان ئۈستەل كومپيۇتېرىمدىن تۇنجى قېتىم كاشىلا چىقتى. قوزغىلىشى نورمال، BIOS قىمۇ نورمال كىرىدۇ، لېكىن ۋىندوۋسنىڭ كىرىش ئېكرانىغا كەلگەندە USB لىق مائۇسمۇ، كۇنۇپكا تاختىسىمۇ ئىشلىمەيدۇ. بىخەتەر ھالەتتىمۇ ئوخشاشلا، كىرىش مۇمكىن ئەمەس. ئاخىرى F8 تىزىملىكىدىن «سىستېمىنى ئوڭلاش» – «سىستېمىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش» نى ئىجرا قىلىپ ئاران كىردىم. كېيىن قارىسام، ئەسلى باشقا بىر USB لىق قاتتىق دېتالنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنىڭ ئىشى ئىكەن. ھەر نېمە بولسا C رايوندىكى ئارخىپلار تەسىرگە ئۇچرىمىدى.

ئالدىراشچىلىق

يېقىندىن بېرى خىزمەتتە ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئىش ئۈنۈمىمىزمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. بۇرۇن ++Visual C تا ئۈچ ئايدەك ۋاقىتتا تۈزۈپ چىققان پروگراممىنى بۇ قېتىم جاۋا تىلىدا بىر ھەپتىدىلا ئاساسەن ئوخشىتىپ تۈزۈپ چىقتىم. ئەتە زىل يەرلىرىنى تەڭشىۋەتسەم تامام!