يەنە يېرىم يىل

ئارىدىن يەنە يېرىم يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. «يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى» دەپ بىكار يازماپتىكەن شائىرىمىز. ئالدىنقى يازمىدا يازغانلىرىم راست بولۇپ چىقتى…
‏مەزكۇر يازمىنى ناھايىتى ئەپسۇسلۇق بىلەن يوللىماقتىمەن. چۈنكى بۇ مەزكۇر بىلوگىمدىكى ئاخىرقى يازما بولۇپ قالىدۇ. ئەمدى بۇ بىلوگ يېڭىلانمايدۇ! ئۇزۇندىن بۇيان مېنى قوللاپ كەلگەن، بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغان تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تور يۈزىدە يەنە دىدارلىشىشقا نېسىپ بولغاي!

يېرىم يىل

بۇ يەرگە يازما يوللاپ باقمىغىلى ھەش- پەش دېگۈچە يېرىم يىل بولۇپ كېتىپتۇ. ئاساسلىقى خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىق ۋە بالا تەربىيەلەش بىلەن بولۇپ ۋاقىتمۇ چىقماي قالدى. ئەسلى شۇ پېتىلا توختىتىۋېتەي دەپمۇ ئويلىغان، لېكىن يەنىلا ۋاقىت چىققانچە يېڭىلاپ تۇرۇشنى لايىق تاپتىم. لېكىن كېيىنكى يازمامنى يېرىم يىلدىن كېيىن يازىمەنمۇ، بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك تەس.

بىر گىرادۇستا 400 مىليارد

ھاۋا تېمپراتۇرىسى يىللاردىكىدىن بىر گىرادۇس يۇقىرى بولغاندا، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كۈنلۈك، باش كىيىم، پىۋە ۋە باشقا ئۇسسۇزلۇق قاتارلىقلارنىڭ كۆپلەپ سېتىلىشى، سۇ ئۈزۈش كۆلىگە بارىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن 7- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى شەخسلەر ئىستېمالى 400 مىليارد يېن كۆپىيىدىكەن.
‏مەنبە: J-CASTニュース

ھازىرقى ‏ياشلارنىڭ ئېھتىياجى 2

‏بۇ 400 نەپەر ياشتىن ھەر ئايدا بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان پۇلىنى سورىغاندا، بىر تۈمەن يېن ئىچىدە ئىشلىتەلەيدىغانلار 46.3 پىرسەنت بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىر تۈمەن يېندىن ئۈچ تۈمەن يېنغىچە بولغانلار 34 پىرسەنت، ئۈچ تۈمەن يېندىن بەش تۈمەن يېنغىچە بولغانلار 11 پىرسەنت بولۇپ چىققان.
‏مەنبە: MSN تورى، 2013年1月8日 11:00 R25‏

ھازىرقى ‏ياشلارنىڭ ئېھتىياجى 1

تۆۋەندىكىسى ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسە توغرىلىق ياشلاردىن 400 كىشىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسى:
يىگىتلەر: 1. ئەڭ يېڭى كومپيۇتېر 2 .ئەڭ يېڭى ‏ئىدراكلىق تېلېفون 3. ماشىنا 4. ئويۇن دېتاللىرى 5. ئەڭ يېڭى تاختا كومپيۇتېر
‏قىزلار: 1. مودا ئۆي جاھازىلىرى 2. تۇرالغۇ ئۆي 3. ئەڭ يېڭى كومپيۇتېر 4. ماشىنا 5. ئەرمەك ھايۋان
‏مەنبە: MSN تورى 2013年1月8日 11:00 (R25)

بۇ يىللىق 10 نادىر بىلوگ

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، نادىر 10 بىلوگ تاللاپ چىقىلىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ بىلوگىمدىكى ئۇلانمىنى تەھرىرلەپ قويدۇم. پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
http://bbs.xjcfan.com/thread-3154-1-1.html

‏يەنە قاتتىق يەر تەۋرىدى

‏بۈگۈن كەچ سائەت 5:18 لەر ئەتراپىدا ئۆتكەن يىلقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئورۇندا يەنە M7.3 دەرىجىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى. توكيوغا 4 بال تەسىر قىلدى. تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن دېڭىز بويى رايونلىرىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلىپ باياتىن بىكار قىلىندى. ھازىرچە ئون نەچچە كىشى يارىلانغاننىڭ گېپى بار. بىز ساق- سالامەت. ھازىر پويىزدا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن.

‏يەنىلا شۇ ئالدىراشچىلىق

‏يېقىندىن بۇيان كۈنلەر «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملايدىغان چاغدىمۇ بۇنچىۋالا ئالدىراش ئۆتكەنلىكىم ھېچ يادىمدا يوق. قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپ بولغىنى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئىنشائاللاھ، بۇ ئالدىراش كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.

‏ۋوردپرەس 3.5 نەشرى چىقىدۇ

‏بۈگۈن ۋوردپرەس 3.5 نەشرىنىڭ 2- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى چىقىپتۇ. ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، رەسمىي نەشرى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا چىقىدىكەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىغۇ تەييار، لېكىن شۇ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ سىناشقا ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرقى ئالدىراشچىلىقتا پات ئارىدا سىناشقا ۋاقىت چىقمايدىغاندەك، كېچىكتۈرۈپ تارقىتىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.

40 مىليون نۇسخا

‏رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىكروسوفت شىركىتى 26-ئۆكتەبىردە بازارغا سالغان ۋىندوۋس سەككىز مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر ئاي ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى 40 مىليون نۇسخىدىن ئاشقان.( مەنبە: MSN تورى، 2012年11月28日 08:17 (ロイター))

ۋوردپرەس 3.5 كاندىدات تارقىتىلما نەشرى

بۈگۈن ‏قارىسام ۋوردپرەس ئورگان تورىدا 3.5 كاندىدات تارقىتىلما نەشرى تارقىتىلىپتۇ. رەسمىي نەشرى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن چىقىدىكەن. يىل ئاخىرىدىكى ئالدىراشچىلىقلارغا گەپ توغرا كەلمەيۋاتقان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ماس قەدەمدە تارقىتىشقا مۇمكىن بولامدۇ- يوق، ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بىر- ئىككى ھەپتە كېچىكىپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن تۇرىدۇ.

ئايفون بەش

‏يېڭى خىزمەتكە ئالمىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىركەتتىن ئايفون 4S ئېلىپ بېرىۋىدى. ئايفون بەش چىققاندىن كېيىن شىركەتتىن ھەممىمىزنىڭ ئايفونىنى بەشكە يېڭىلاپ بەردى. ئايفون بەش قوللايدىغان LTE ئالاقە ئۆلچىمىنىڭ سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدىكەن. تورغا تولا چىقىدىغان بولغاچقا، شۇ يېرىنى ئەڭ ياقتۇردۇم.

«ئاياق ئوغرىسى»

تۈنۈگۈن ئىشخانىدىكىلەر ئىشتىن يېنىپ دومىلاتما توپ ئوينىغاندىن كېيىن بىر ياپونچە رېستۇراندا تاماق يېۋىدۇق. ئارىلىقتا باشقا ئورۇندا ئولتۇرغان بىز تونۇمايدىغان بىرەيلەن خاتالىشىپ بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سومكىسىنى ئېلىپ، مېنىڭ ئايىقىمنى كىيىپ كېتىپ قاپتىكەن. بۈگۈن سومكا ۋە ئاياقنى ئەۋەتىپتۇ. قارىسام مېنى ساپما كەشتە قايتىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدىن ئەپۇ سوراپ ئەۋەتكەن مال سېتىۋېلىش كارتىسىغا ئوخشاش ئاياقتىن ئىككىسى كەلگۈدەك. بۇلارنىڭ مۇشۇنداق پەزىلىتى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

ئۇ‏يغۇرچە ۋىندوۋس سەككىز

‏تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتكەن پەيتلەر ئاخىرى يېتىپ كەلدى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان ۋىندوۋس سەككىز رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ سىستېمىنى ئۇيغۇر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىققان باھادىر ئوغلان ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ سىستېمىنى سېتىۋېلىش- قاچىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىڭ: http://www.alimahat.com

ئايەم مۇبارەك

بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەزىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن! ھەممەيلەنگە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، خوشاللىق ۋە بەخت- ئامەت يار بولسۇن! ھەر بىر كۈننى ھېيت كۈنىدەك كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ بولسۇن!

ۋوردپرەس 15 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى

ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 3.4~3.4.2 نەشرىنىڭ 50 خىل تىلدىكى نەشرى جەمئىي 19 مىليون 520 مىڭ قېتىمدىن، ئۇيغۇرچە نەشرى 15 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ يېقىندا چىققان 3.4.2 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تارقىتىلمايدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملاشتى. نۆۋەتتە 3.5 نەشرىنىڭ 1- سىناق نۇسخىسىنى سىناش باشلاندى. كېيىنكى قېتىم 3.5 رەسمىي نەشرى ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدۇ.

ئون نادىر بىلوگنى باھالاش باشلىنىپتۇ

2008–يىلدىن بۇيان يۈكسەل بىلوگى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگ»نى باھالاش پائالىيىتى بۇ يىلدىن باشلاپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. نۆۋەتتە «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ نامزات قوبۇل قىلىش باسقۇچى باشلىنىپتۇ.
مەنبە: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى http://bbs.xjcfan.com/thread-3031-1-1.html

‏ۋوردپرەس 3.4.2 نىڭ تەرجىمىسى كېچىكتى

‏كۈنلەر ئالدىراشلىق ئىچىدە ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا. خىزمەت ئالماشقىلىمۇ ئىككى ئاي بولاي دەپتۇ، لېكىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر يەنىلا شۇنداق كۆپ. شۇ ئالدىراشچىلىقتا ‏بىلوگنىمۇ يېڭىلاپ بولالمىدىم، ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرىنى سىناپ تارقىتىشقىمۇ چولا تەگمەيۋاتىدۇ. «بىر نەچچە كۈن» دەپ قويۇپ بىر نەچچە ھەپتە كېچىكتۈرۈۋېتىدىغان بولدۇم- دە.

WordPress 3.4.2 English

‏بۈگۈن قارىسام ۋوردپرەسنىڭ 3.4.2 نەشرى تارقىتىلىپتۇ. باشقا چوڭ ئۆزگىرىشقۇ يوقتەك قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرچىسىنى ھەر قېتىمقىغا ئوخشاشلا سىناپ چىققاندىن كېيىن تارقاتماي بولمايدۇ. بىراق ھازىر مەن تولىمۇ ئالدىراش، سىناشقا ۋاقتىم چىقمايدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ بىر نەچچە كۈن تەخىر قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.