Monthly Archives: February 2012

«پەلەك دەرىخى» بۈگۈن پۈتىدۇ

634 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار نامىنى ئالغان توكيو پەلەك دەرىخى «Tokyo Sky Tree» بۈگۈن پۈتىدۇ. بۇ مۇنارنىڭ قۇرۇلۇشى 2008- يىل 14- ئىيۇل باشلانغان بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جەمئىي 580 مىڭ كىشى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش چىقىمى 65 مىليارد يېن ئەتراپىدا بولغان.( مەنبە: ۋال كوچىسى ژۇرنىلى 2012年 2月 29日 7:31 JST)

Advertisements

ئەتە قار ياغىدۇ

ھاۋارايى مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەتە شىكوكۇ ۋە كانتو رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدىكەن. توكيودىمۇ 1-2 سانتىمېتىر يىغىلىشى مۇمكىن دەيدۇ. بىزنىڭ ئۆپچۆرىمىزدە بولسا 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ياغىدىغان ئوخشايدۇ.

ئاڭلىغانمۇسىز

فەيسبۇكتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، DreamWorks شىركىتى داڭلىق كارتون فىلىم «شرەك Shrek» نىڭ 1- قىسمىنى ئىشلىگەندە، رەڭلەندۈرۈش (Rendering) ئۈچۈن 5 مىليون سائەت سەرپ قىلغان، ئەڭ يېڭى كارتون فىلىم «ئۆتۈك كىيگەن مۈشۈك Puss In Boots» تە بولسا 65 مىليون سائەت ۋاقىت كەتكەن.

«10 ئاي غېرىبلىق» ئاخىرلاشتى

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى «10 ئاي غېرىبلىق» ئاخىرلىشىپ، ئاخىرى ئوغلۇم بىلەن ئايالىم 15- فېۋرالدا ساق- سالامەت يېنىمغا قايتىپ كەلدى. ئەمدى كۈندە تورغا چىقىدىغان بوش ۋاقىتلارنىڭمۇ چىقىشى ناتايىن، بىلوگىمنىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن پۇرسەت تاپساملا تورداشلارنى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن.

ۋىتنېي خيۇستون ۋاپات بولدى

ئامېرىكىلىق ئايال ناخشىچى، «قوغدىغۇچى The Bodyguard» فىلىمى ۋە «I Will Always Love You» ناخشىلىرى بىلەن بىزگىمۇ تونۇش بولغان ۋىتنېي خيۇستون تۈنۈگۈن 48 يېشىدا ۋاپات بولغان.( مەنبە: ياخۇ تورى، スポニチアネックス 2月13日(月)10時57分配信)

ۋالېنتايىن كۈنى ۋە شاكىلات

ياپونىيەدە ھەر يىلى 14- ئاپرېلدىكى ۋالېنتايىن كۈنى (بىز دەۋالىدىغان ئاتالمىش «ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمى») قىزلار يىگىتىگە شاكىلات سوۋغا قىلىش ئادەتكە ئايلانغان. بۇ بىر كۈندە ئىستېمال قىلىنىدىغان شاكىلات بىر يىللىق شاكىلات ئىستېمالىنىڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.* 2009- يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شۇ بىر يىلدا ياپونىيەدە جەمئىي 272 مىڭ 215 توننا شاكىلات ئىستېمال قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە 2.1 كىلوگرامدىن توغرا كەلگەن.**
*شاكىلات مۇزىيى ** ياپونىيە شاكىلات- كوكوئا جەمئىيىتى