بۇ 400 نەپەر ياشتىن ھەر ئايدا بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان پۇلىنى سورىغاندا، بىر تۈمەن يېن ئىچىدە ئىشلىتەلەيدىغانلار 46.3 پىرسەنت بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بىر تۈمەن يېندىن ئۈچ تۈمەن يېنغىچە بولغانلار 34 پىرسەنت، ئۈچ تۈمەن يېندىن بەش تۈمەن يېنغىچە بولغانلار 11 پىرسەنت بولۇپ چىققان.
مەنبە: MSN تورى، 2013年1月8日 11:00 R25
ھازىرقى ياشلارنىڭ ئېھتىياجى 1
تۆۋەندىكىسى ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسە توغرىلىق ياشلاردىن 400 كىشىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسى:
يىگىتلەر: 1. ئەڭ يېڭى كومپيۇتېر 2 .ئەڭ يېڭى ئىدراكلىق تېلېفون 3. ماشىنا 4. ئويۇن دېتاللىرى 5. ئەڭ يېڭى تاختا كومپيۇتېر
قىزلار: 1. مودا ئۆي جاھازىلىرى 2. تۇرالغۇ ئۆي 3. ئەڭ يېڭى كومپيۇتېر 4. ماشىنا 5. ئەرمەك ھايۋان
مەنبە: MSN تورى 2013年1月8日 11:00 (R25)
بۇ يىللىق 10 نادىر بىلوگ
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، نادىر 10 بىلوگ تاللاپ چىقىلىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ بىلوگىمدىكى ئۇلانمىنى تەھرىرلەپ قويدۇم. پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
Windows 8 ئۇيغۇرچىلاشتى
Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئالىمكا، جاپا چەكتىڭىز!
يەنە قاتتىق يەر تەۋرىدى
بۈگۈن كەچ سائەت 5:18 لەر ئەتراپىدا ئۆتكەن يىلقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئورۇندا يەنە M7.3 دەرىجىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى. توكيوغا 4 بال تەسىر قىلدى. تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن دېڭىز بويى رايونلىرىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلىپ باياتىن بىكار قىلىندى. ھازىرچە ئون نەچچە كىشى يارىلانغاننىڭ گېپى بار. بىز ساق- سالامەت. ھازىر پويىزدا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن.
يەنىلا شۇ ئالدىراشچىلىق
يېقىندىن بۇيان كۈنلەر «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملايدىغان چاغدىمۇ بۇنچىۋالا ئالدىراش ئۆتكەنلىكىم ھېچ يادىمدا يوق. قىلىدىغان ئىشنىڭ كۆپ بولغىنى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئىنشائاللاھ، بۇ ئالدىراش كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر.
ۋوردپرەس 3.5 نەشرى چىقىدۇ
بۈگۈن ۋوردپرەس 3.5 نەشرىنىڭ 2- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى چىقىپتۇ. ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، رەسمىي نەشرى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا چىقىدىكەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىغۇ تەييار، لېكىن شۇ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپ سىناشقا ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرقى ئالدىراشچىلىقتا پات ئارىدا سىناشقا ۋاقىت چىقمايدىغاندەك، كېچىكتۈرۈپ تارقىتىشقا توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
