كروراندا سۆھبەت

«كروران» مۇنبىرىدە «مىكروسكوپتىن ياپونىيەگە نەزەر (مۇرشىدى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت)» نامىدىكى سۆھبەت باشلاندى. تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب بېرىپ ماڭىمەن. قىزىققۇچىلار ئەسلى ئادرېستىن كۆرگەيسىلەر. ئادرېس: http://www.kroran.net/ud/thread-4711-1-1.html

Advertisements

17 thoughts on “كروراندا سۆھبەت

  1. ئۆزقان

    گەرچە سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ ئىنتايىن قىسلىقىنى بىلسەممۇ، باشقا ئامال بولمىغاچقا ئۇزاق ئىككىلىنىشلەردىن كېيىن بۇ سوئالنى يەنىلا سىزدىن سوراشقا مەجبۇر بولدۇم: WordPressتە قۇرغان بىلوگىم(http://www.ozkani.com)نىڭ باش بېتىدە شېئىرىي ئەسەرلەر خۇددى نەسىرىي ئەسەرلەردەك چىقىۋالدى. بۇنى قانداق ھەل قىلىش مۈمكىن؟

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      بۇ بەلكىم سىز ئىشلەتكەن ئۇسلۇبنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن. قانداق ھەل قىلىشنى ئۇسلۇب تەمىنلىگۈچىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ۋوردپرەسنىڭ كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبىدا بۇنداق ئەھۋال بايقالمىدى. كۆڭۈلدىكى ئۇسلۇبنىڭ يەرلىك مۇلازىمېتىردىكى سىناش نەتىجىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈپ بېقىڭ: https://microjp.wordpress.com/?attachment_id=1224

      Reply
    2. مۇرشىدى Post author

      ياكى شېئىرنىڭ بىرەر كۇپلېتىنى يازما يېزىش كۆزنىكىنىڭ «ئۈزۈندە» قىسمىغا يېزىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «ئۈزۈندە» بۆلىكى كۆرۈنمىگەن بولسا، بەتنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «كۆرستىش تاللاشلىرى» دىن كۆرۈنىدىغان قىلىپ تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

      Reply
    3. مۇرشىدى Post author

      HTML تەھرىرلەش ھالىتىدە ھەر بىر مىسرانىڭ كەينىگە قۇر ئالماشتۇرۇش كودىنى قىستۇرۇپ بېقىڭا، بولامدىكىن. يەنى، </ br> نى يازسىڭىز بولىدۇ.

      Reply
      1. ئۆزقان

        سىز دېگەندەك قىلسام مىسرالارغا بۆلۈندى، ئەمما باشقا ئورۇنلارغىمۇ تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھەل بولماي كەلگەن بىر مەسىلە ھەل بولدى. سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بولسا ئوتتۇرىغا (ئوڭ-سولغا)توغرىلاش كودى، رەڭ كودى، خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەش كودى، تەگلىك كودى، تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش كودى، قۇر ئايرىش كودى، بوش قۇر قالدۇرۇش كودى… دېگەندەك كىچىك كودلارنى بىزدەك ئۈگەنچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز، ھەممىمىز تەڭ بەھىرلەنسەك. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن!

      2. مۇرشىدى Post author

        ئۇ ئىقتىدارلارنى ئاساسەن يازما تەھرىرلىگۈچنىڭ قورال ئىستونىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. تېخىمۇ تەپسىلىي ئۆگىنەي دېسىڭىز CSS دەرسلىكلىرىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ. بۇ يەردىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن.
        http://www.w3school.com.cn/css/index.asp

      3. ئۆزقان

        wordpress تە قۇرغان بىلوگلاردا ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولماسمۇ؟

      4. مۇرشىدى Post author

        بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ خەت نۇسخىسىنىڭ eot ۋە ttf ھۆججەتلىرىنى بوشلۇقىڭىزغا قويۇپ، ئۇسلۇبىڭىزنىڭ CSS ھۆججىتىدە خەت نۇسخىلىرىنى شۇنىڭغا توغرىلاپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. تەپسىلاتىنى ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى، نۇرقۇت دۇنياسى قاتارلىق جايلاردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

  2. Bakhtiyar

    يۇرتقا قايتىپ تەييار دۆلەت مەمۇرى بولۇش، ياكى 8 يىلغا يېقىن تۇرغان ئىچكىرىدە داۋاملىق قېلىپ، ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئالىي مەكتەپتە ئۆزۈم ئەڭ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆگەنگەن ئىشنى قىلىش ئوتتۇرىسىدا تەمتىرەپ يۈرگىلى خېلى بولغان، سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى مائاشى يۇقىرى تاموژنا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىگەن شۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئاجايىپ ھاياجانلاندىم.
    مېنىڭ ھەمىشە ئۆزۈمگە دەيدىغىنىم ‹‹ھەرگىز ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ قالمايمەن››. رەھمەت مۇرشىدى ئەپەندى، يازمىڭىز ماڭا يېڭىدىن بىر كۈچ بېغىشلىدى، ياراتقان ئىگەم ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق، تۇرمۇشىڭىزنى خاتىرجەم قىلغاي.

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      سىزگە ئازدۇر- كۆپتۇر ياردىمى بولغانلا بولسا مەن شۇنىڭغا خوشال. «شەيئىلەر تەرەققىياتىدا ئىچكى ئامىل بىرىنچى.» مۇھىمى يەنىلا ئۆزىڭىز. ئىشىنىمەنكى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئىشنى قىلسىڭىز چوقۇم كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتەلەيسىز.

      Reply

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s