ئاندرويدتىكى ئۇيغۇرچە

بۈگۈن ئاخىرى ئاندرويدتىكى قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن رەقەم ۋە لاتىنچە ھەرپلەر ئارىلىشىپ كەلگەندە سۆزلەرنىڭ تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئەسلىدىكى جۈملىنى چۈشەنمەك قىيىن بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمدى بولسا سۆز تەرتىپى ئاساسەن نورماللاشتى. لېكىن يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى. مەسىلەن، ئەسلى جۈملە: «مەن 2005- يىلى 4- ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلىغان».
ھازىرغىچە: «.- ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلىغان4- يىلى 2005مەن».
بۈگۈن:« مەن2005- يىلى 4ئايدا ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلىغان. -».

Advertisements

4 thoughts on “ئاندرويدتىكى ئۇيغۇرچە

  1. مۇرشىدى Post author

    بۇنى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان ئاندرويد يانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشتىكى زور ئىلگىرىلەش دەپ قارايمەن.

    Reply
    1. sarwan

      ئۆزىمىز تۈزگەن يۇمشاق دېتالدا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە شىپىردىكى قوش يۆنىلىش ئالگورىزىمىكەندە.
      بۇرۇن بىز ئاندرويىدتا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەربىر پروگراممىغا شىپىر قوشۇپ، خەت نۇسخىسىنى سىڭدۈرۈپ ئىشلەتكەن. كىيىن ئاندرويىدنىڭ تېگىدىن ئۇيغۇرچە قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۈستى قىسمىدىكى ئەپلەردە ئۇيغۇرچىنىڭ مەسىلىسىنى ئويلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچىنى تېگىدىن قوللىمايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشتە يەنە مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

      Reply
      1. مۇرشىدى Post author

        مېنىڭ دەل شۇ ئۇيغۇرچىنى تېگىدىن قوللىمايدىغان يانفونۇمدا بىلوگىمنى تەكشۈرۈش ۋە يېڭىلاش تەسكە توختىغاچقا، تېخىچە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىمەن. يانفونۇمنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشقا ئىجازەت يوق.

      2. مۇرشىدى Post author

        ئۇيغۇرچىنى تېگىدىن قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان چاغدا قوش يۆنىلىشلىك تېكىستلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان بولغىيدىڭلار، شۇنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s