«كۆچمەن» پىلانېتىلار بايقالدى

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئەتراپىدا دەۋرىيلىك ئايلىنىپ تۇرىدىغان پىلانېتىلاردىن باشقا، سامانيولى سىستېمىسىدا لەيلەپ يۈرىدىغان غايەت زور ساندىكى پىلانېتىلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى ناگويا ۋە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايقاپ چىقىلغان. بۇ گۇرۇپپا كۈنىگە 50 مىليوندىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنى كۈزەتكەن 2006- ۋە 2007- يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇپىتىر بىلەن ئوخشاش ماسسىدىكى «كۆچمەن» پىلانېتىلاردىن 10 نى بايقىغان. شۇ ئاساستا نىسبەتلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە بۇنداق پىلانېتىلارنىڭ سامانيولىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك مەۋجۇد ئىكەنلىكى، يەنى نەچچە يۈز مىلياردقا يېتىدىغانلىقى، باشقا پىلانېتىلارنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئەسلىدىكى ئوربېتىسىدىن چەتنەپ چىقىشتىن شەكىللەنگەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى) http://bit.ly/jVPbuz

Advertisements

7 thoughts on “«كۆچمەن» پىلانېتىلار بايقالدى

  1. ئىزدەن

    ماۋۇ بىلوگىڭىزدىكى خەت نۇسخىسى قايسى خەت نۇسخىسىكىن؟ مەن ھېچ تاپالمىدىم. P2 ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ، مۇشۇ خىل تۈردىكى بىر بىلوگ قۇرغان. بەزى خەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىيەلمەي خېلى ھەرەج تارتتىم . گېپىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى. كەچۈرۈڭ!

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      بۇ بىلوگدىكى خەت نۇسخىسى Arial, Georgia, Tahoma قاتارلىق بىر قانچە فونتقا تەڭشەلگەن. ئۇسلۇبنىڭ خەت نۇسخىسىنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز style.css دېگەندەك بىر قانچە ھۆججەتنى تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا «بەزى خەتلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىيەلمەي» دېگىنىڭىز سۆز- جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قارىتىلغان بولسا بۇ باشقا گەپ، P2 ئۇسلۇبىنىڭ تىل بولىقىنى يېڭىلاپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. تور بېتىڭىزگە قارىسام ئۇسلۇبنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىشلىمىگەندەك قىلىدۇ.
      wp-content\themes\p2\languages ھۆججەت قىسقۇچىدا ug_CN.po ۋە ug_CN.mo ھۆججەتلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىغا قاراپ باقامسىز؟

      Reply
      1. ئىزدەن

        كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئەپەندىم! سىز دىگەندەك، تىل بولىقىنى قاچىلىماپتىمەن. لېكىن ئاۋۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىزنىڭ بۇ يەردە ئېچىلمىدى. firefox تىمۇ سىناپ باقتىم. بىر ئاپئاق، قۇرۇق بەتتىن باشقا ھېچنىمە ئېچىلمىدى… سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم…

      2. مۇرشىدى Post author

        ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى يېڭىلاپ قويدۇم، قايتا سىناپ باقامسىز؟ بولمىسا باشقا يەرگە چىقىرىپ قويىمەن.

      3. ئىزدەن

        ئەمدى چۈشۈرگىلى بولدى، رەھمەت سىزگە! p2 نىڭ يېڭى نەشىرىمۇ چىقىپتىكەن. مۇشۇنى تىل ھۆججىتىگە قوشۇپ قويساقلا يېڭى نەشىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنەمدۇ؟

      4. مۇرشىدى Post author

        چۈشۈرۈۋالغان تىل بولىقىنى ئۇسلۇبنىڭ languages ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ماس ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ. خەت نۇسخىسىنى ئۇسلۇبنىڭ CSS ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s