يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى توختىتىلدى

كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە كانتو رايونىدا 8 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەش يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقى %87 بولۇشى سەۋەبلىك، باش ۋەزىر نائوتو كاننىڭ بىۋاسىتە تەلەپ قىلىشى بىلەن، شىزۇئوكا ناھىيىسىگە جايلاشقان خامائوكا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قەرەللىك تەكشۈرۈش ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان يادرو رېئاكتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يادرو رېئاكتورلىرىنى 14- چېسلا رەسمىي ئىشتىن توختاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا قىسىم ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى (中部電力) بۇ يىللىق پىلاندىكى توك تەمىنلەش مىقدارىنىڭ %12 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان 3 مىليون 600 مىڭ كىلوۋاتلىق توكىدىن ئايرىلدى. (مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

Advertisements

One thought on “يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى توختىتىلدى

  1. مۇرشىدى Post author

    پايدىلانما: يەر تەۋرەشتىن كېيىن يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن فۇكۇشىما 1- يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى توكيونىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ، توكيو بىلەن ئارىلىقى 220 كىلومېتىر. مەن تۇرۇۋاتقان يەرگە 250 كىلومېتىر. بۇ قېتىم توختىتىلغان خامائوكا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى توكيونىڭ غەربىي جەنۇبىدا، توكيو بىلەن ئارىلىقى 200 كىلومېتىر، مەن تۇرۇاتقان يەرگە 170 كىلومېتىر كېلىدۇ.

    Reply

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s