گۇگۇل كىروم كومپيۇتېرى

گۇگۇل شىركىتى 11- چېسلا كىروم مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن Chrome Book كومپيۇتېرىنى 15- ئىيۇن بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە بۇنى كورىيەنىڭ سامسۇڭ، ئامېرىكىنىڭ Verizon، تەيۋەننىڭ Acer شىركەتلىرى 349 دوللاردىن 499 دوللارغىچە سېتىشنى پىلان قىلماقتا. ئۇنى دەسلەپكى تەڭشەشكە ئۈچ مىنۇت، قوزغىتىشقا سەككىز سېكۇنتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىق دىسكا سەپلەنمىگەن بولۇپ، ھەممىنى توردىكى «بۇلۇت» تا ساقلايدۇ. ئۇنى تور يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان «كىروم تور ماگىزىنى»مۇ 11- چېسلا بىر قانچە دۆلەتتە ئېچىلىپ بولدى.( مەنبە: CNN ياپونىيە، ياخۇ تورى)

Leave a comment