دىسنېي باغچىسى قايتا ئېچىلدى

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ماشىنا توختىتىش مەيدانى يۇمشاپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن 12- مارتتىن باشلاپ تىجارىتىنى توختىتىپ قويغان توكيو دىسنېي قۇرۇقلۇق باغچىسى ئېچىلغانلىقىغا 28 يىل بولغان بۈگۈنكى خاتىرە كۈنىدە قايتىدىن ئېچىلغان. 14- مايغىچە ھەر بىر بېلەت كىرىمىدىن 300 يېننى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىشتىن باشقا، توك تېجەش ئۈچۈن تىجارەت ۋاقتىنى سەھەر سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت ئالتىگىچە قىلىپ قىسقارتىش، كەچتىكى ئېلېكتىرلىك پاراتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىدىكەن. دېڭىز باغچىسىنىڭ قاچان قايتا ئېچىلىدىغانلىقى بولسا كېيىن بەلگىلىنىدىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

Advertisements

3 thoughts on “دىسنېي باغچىسى قايتا ئېچىلدى

  1. مۇرشىدى Post author

    نورمال ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 46 مىڭ ئادەم كىرىدىغان بۇ باغچا بىر ئايغىچە ھەر بىر بېلەتتىن 300 يېننى ئىئانە قىلسا، جەمئىي 400 مىليون يېندىن ئارتۇق پۇلنى ئىئانە قىلغان بولىدىكەن. 22- ئاپرىلدىن باشلاپ مەخسۇس ئاپەت رايونىغا ئىئانە توپلاش مەقسىتىدە سېتىلىدىغان خاتىرە بويۇملىرىنىڭ كىرىمى تېخى بۇنىڭ سىرتىدا.

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      بەگ ھەزرەتلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت. تورداشلارغا بۇ ياقنىڭ ئەھۋالىنى ئازدۇر- كۆپتۇر تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن خوشالمەن.

      Reply

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s