بلوگلىرىمنى بىرلەشتۈرمەكچى

ئوقۇشتىن سىرت ئىشلىگەن شىركەتتە ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسىنى باشلىغىلى ۋە تەكلىماكان ئەپەندىمنىڭ «كۈندە يۈز دوللار» يازمىسىنىڭ تۈرتكىسدە بلوگ قۇرغىلىمۇ ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا بلوگباس، بلوگسپوت ۋە ۋوردپرەس قاتارلىق سۇپىلاردا بىر نەچچە بلوگ ماڭغۇزۇپتىمەن. قىلاي دېگەن ئىشلىرىم كۆپ بولسىمۇ يېتىشىپ بولالماي، بىر نەچچىسىنى شۇ پېتى تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ھازىر كۆپرەك يېڭىلاپ تۇرۇۋاتقىنىم مۇشۇ مىكرو بلوگ. بۇرۇنقى يازمىلىرىمنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيمىغاچقا، پات ئارىدا بۇ مىكرو بلوگدىن باشقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ماڭغۇزۇپ قوياي دەپ ئويلاۋاتىمەن.

Advertisements

6 thoughts on “بلوگلىرىمنى بىرلەشتۈرمەكچى

  1. nezeri

    مەن بىلوگىڭىزنىڭ دائىملىق ئوقۇرمەنى. سىزنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىڭىزدىن خەۋىرىم بار.
    ئالدى بىلەن سىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭىزنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئۇيغۇرچە wordpressنى ئىشلىتەلىگىنىمدىن خۇرسەنمەن.
    تەكلىۋىم، مەن خېلى بۇرۇنلا 3.1 گە كۆچۈۋالغانتىم. ھازىرغىچە ئىنكاس كۆزنىكىگە ئۇيغۇرچە كىرمىدى دېگەن پىكىرلەر چۈشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەل قىلىنىش چارىسى قانداق بولۇپ كەتتى؟

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      bedit.js ھۆججىتى بىلوگىڭىزنىڭ ئىنكاس يېزىش كۆزنىكىگە توغرا ئۇلىنىپتۇ. ئۇيغۇرچىنى نورمال يازغىلى بولىدىكەن.
      سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز باشقۇرۇش بېتىدىكى كۆرۈنۈشلۈك تەھرىرلىگۈچ بىلەن تېز يوللاش كۆزنىكى بولسا، بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە ھازىرچە ئىزدىنىپ بولالمايمەن. خېلىلا ساقلىتىپ قويارمەنمىكىن.

      Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      بەگ ھەزرەتلىرىدەك تۇرمۇشنى بېيىتىشنى بىلىدىغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      Reply

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s