يەر تەۋرىدى 40

ئويلاپ باقسام، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن بېرى كۈندە دېگۈدەك تېلېۋىزور ياكى تورلاردا كۆرگەن ئۇچۇرلارنى تومتاقلا قىلىپ بلوگىمغا يوللاپ كەپتىمەن. بۇلارنىڭ بۇ ياقتىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەھۋالىنى بىلگۈسى كەلگەن تورداشلارغا پايدىسى بولدىمۇ بىلمىدىم. نۆۋەتتە ئەھۋال بارغانسېرى ياخشىلىنىپ مېڭىشقا باشلىدى. يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى كونترول قىلىنسىلا، باشقا ئەنسىرىگۈدەك ئىش قالمىدى. مەنمۇ ئەمدى ئاپەت يۈز بەرگەندىن بۇيان بىزدىن كۆپ ئەنسىرەپ ئالاقە قىلغان ۋە ياخشى تىلەكلەر بىلەن بىزگە ئىلھام بېرىپ كەلگەن تورداش- قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپەت ھەققىدىكى «مەلۇمات» لىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىش خىيالىغا كەلدىم. خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بلوگىمنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالماسلىقىم مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئەنسىرەپ كەتمىگەيسىزلەر. ئىنشائاللاھ، يېڭى خەۋەرلەر بولسا داۋاملىق يوللاپ تۇرىمەن.

Advertisements

4 thoughts on “يەر تەۋرىدى 40

  1. hemza

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن سېپىڭلارغا يېڭى قوشۇلدۇم. بلوگ ئىشلىرىدا سىلەردىن ياردەم سورىشىم مۇمكىن، ياردەم قىلارسىلەر قېرىنداشلار….
    ئاللاھ سىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.

    Reply
  2. قۇتلۇق بەگ

    بۇ قېتىم ياپونىيىدە يەر تەۋرەپ، ياپونىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى. سىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇش ھالىتىڭلار كۆز ئالدىمىزدىلا ئايان بولۇپ تۇرىدۇ!! ئاللاھ ئىگەم سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

    Reply

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s