يەر تەۋرەشتىن پاناھلىنىشتا ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر نەقپۇل، كىملىك،…

يەر تەۋرەشتىن پاناھلىنىشتا ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر: نەقپۇل، كىملىك، تامغا، سۇغۇرتا كىنىشكىسى، ئىچىملىك سۇ (بىر ئادەم بىر كۈندە 3 لىتىر)، كونسېرۋا ۋە پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەر، يانفون ۋە جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان زەرەتلىگۈچ، تازىلىق قەغىزى، 4-5 تال لۆڭگە، قول چىراق، رادىئو، يامغۇرلۇق ياكى كۈنلۈك، سوغاققا دالدا بولغۇدەك يېپىنچا، پەلەي، ماسكا، چوڭراق ئەخلەت خالتىسى (كىيىم قىلىپ كىيىپ بەدەننى ئىسسىق ساقلاشقا بولىدۇ)، گېزىت (سوغاقتىن دالدا قىلىشقا)، ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ سۈرىتى، پۈشتەك، دائىملىق دورىلار، كانسېرۋا ئاچقۇچ ياكى كىچىك پىچاق قاتارلىقلار.

Advertisements

5 thoughts on “يەر تەۋرەشتىن پاناھلىنىشتا ئېلىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر نەقپۇل، كىملىك،…

  1. ئىزدەن

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇرشىدى ئەپەندىم.ياپونىيەدە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇردۇق. تۇنجى بولۇپ سىز ئېسىمگە كەلدىڭىز. سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ قارىسام 12 – چىسىلادىن كېيىن يازما يوق… سەل ئەندىشە قىلىپ قالدۇق. قالغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارچۇ ؟ ئۇلارمۇ سالامەت تۇرغاندۇ؟ ئاللا ئېگەم ھەممىڭلارنى سالامەت قىلغاي!

    Reply
    1. مۇرشىدى Post author

      كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. توكيو ئەتراپىدىكىلەر ياخشى تۇرۇۋاتىمىز. شۇ دۈشەنبىدىن باشلاپ ئىشقا بارىدىغانلار بېرىپ نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. دۈشەنبىدىن باشلانغان پىلانلىق توك توختىتىش سەۋەبىدىن پويىز قاتنىشى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئىشنى ئۆيىدە قىلىۋاتقانلارمۇ بار. بىزمۇ تۈنۈگۈندىن بېرى ئىشنى ئۆيدە قىلىۋاتقان ئىدۇق. ئىنشائاللاھ، ئەتىدىن باشلاپ نورمال ئىشلىگىلى بولار. كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.

      Reply
      1. پرېستان

        ياپونىيەدە يادرو رادىئو ئاكتىپلىق كۈچىنىش بەك ئېغىرلىشىپ كەتتى دەپ ئاڭلاۋاتىمىز، راستمىدۇ؟ سىلەر قانداقراق تۇرۇۋاتىسىلەر؟ مىكروبلوگىڭىز ھېچ يېڭىلانمايدۇ، ئەنسىرەپ قالدۇق.

      2. مۇرشىدى Post author

        كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھازىرچە ئاللاھقا شۈكرى، ساق سالامەت تۇرۇۋاتىمىز. شۇ يەر تەۋرىگەندىن بېرى «ھەممە نەرسە تەۋرەپ كېتىپ»، ئويلىشىدىغان ئىش كۆپىيىپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ بلوگنى ھەر كۈنى يېڭىلاپ تۇرۇۋاتىمەن. ئەڭ ئۈستىدىكى يازمىنى چوققىلاپ قويغان، ئاستىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ باققايسىز.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out / Change )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / Change )

Connecting to %s