خەتكۈش بويىچە ئارخىپلار: بىلدۈرگۈ

بۇ يىللىق 10 نادىر بىلوگ

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ئوڭۇشلۇق ئاخىرلىشىپ، نادىر 10 بىلوگ تاللاپ چىقىلىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ بىلوگىمدىكى ئۇلانمىنى تەھرىرلەپ قويدۇم. پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

http://bbs.xjcfan.com/thread-3154-1-1.html

‏يەنە قاتتىق يەر تەۋرىدى

‏بۈگۈن كەچ سائەت 5:18 لەر ئەتراپىدا ئۆتكەن يىلقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئورۇندا يەنە M7.3 دەرىجىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىدى. توكيوغا 4 بال تەسىر قىلدى. تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن دېڭىز بويى رايونلىرىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى تارقىتىلىپ باياتىن بىكار قىلىندى. ھازىرچە ئون نەچچە كىشى يارىلانغاننىڭ گېپى بار. بىز ساق- سالامەت. ھازىر پويىزدا ئۆيگە قايتىۋاتىمەن.

ۋوردپرەس 3.5 كاندىدات تارقىتىلما نەشرى

بۈگۈن ‏قارىسام ۋوردپرەس ئورگان تورىدا 3.5 كاندىدات تارقىتىلما نەشرى تارقىتىلىپتۇ. رەسمىي نەشرى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن چىقىدىكەن. يىل ئاخىرىدىكى ئالدىراشچىلىقلارغا گەپ توغرا كەلمەيۋاتقان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ماس قەدەمدە تارقىتىشقا مۇمكىن بولامدۇ- يوق، ھازىرچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بىر- ئىككى ھەپتە كېچىكىپ كېتىشى ئېھتىمالغا يېقىن تۇرىدۇ.

ۋوردپرەس 15 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى

ۋوردپرەس 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 3.4~3.4.2 نەشرىنىڭ 50 خىل تىلدىكى نەشرى جەمئىي 19 مىليون 520 مىڭ قېتىمدىن، ئۇيغۇرچە نەشرى 15 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ يېقىندا چىققان 3.4.2 نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچە تارقىتىلمايدىغانلىقى ئاساسەن مۇقىملاشتى. نۆۋەتتە 3.5 نەشرىنىڭ 1- سىناق نۇسخىسىنى سىناش باشلاندى. كېيىنكى قېتىم 3.5 رەسمىي نەشرى ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدۇ.

ئون نادىر بىلوگنى باھالاش باشلىنىپتۇ

2008–يىلدىن بۇيان يۈكسەل بىلوگى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگ»نى باھالاش پائالىيىتى بۇ يىلدىن باشلاپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. نۆۋەتتە «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» نىڭ نامزات قوبۇل قىلىش باسقۇچى باشلىنىپتۇ.
مەنبە: كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇنبىرى http://bbs.xjcfan.com/thread-3031-1-1.html

ۋوردپرەس 10 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى

ۋوردپرەسنىڭ 3.4 نەشرى 14- ئىيۇندا تارقىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 10 مىليون 688 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە نەشرىمۇ 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپتۇ. ھازىرمۇ ئومۇمىي ساندا ئوتتۇرىچە سېكۇنتىغا ئىككى قېتىمدىن چۈشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.( مەنبە؛ http://wordpress.org/download/counter/)

Outlook.com ئۇيغۇرچىلاشتى

مىكروسوفت شىركىتى 31-ئىيۇل ئۆزىنىڭ Hotmail ئېلخەت مۇلازىمىتىنى Outlook نامىدا يېڭىلاپ ئېلان قىلدى. بۇ يېڭىلاشتا تىل تۈرىگە ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بولۇپ، ئاز بىر قىسىم تەرجىمىنىڭ راۋان بولمىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

خىزمەت ئالماشتىم

تۈنۈگۈندىن باشلاپ يېڭى بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان بولدۇم. بۇرۇنقى يۇمشاق دېتال تۈزەيدىغان ئىشىمنى ئىككى يىل تۆت ئاي داۋاملاشتۇرۇپتىمەن. بۇ جەرياندا ئۆگەنگەن نەرسىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. شۇڭا يېقىندىن يار- يۆلەكتە بولغان كونا خىزمەتداشلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمدى يېڭى خىزمەت ئورنىدا يېڭىچە روھ بىلەن ئىشلەپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە تىرىشاي.

بۈگۈن يېڭى ئاي چىقىدۇ

ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بۈگۈن رامىزان ئېيىنىڭ 1- كۈنى، يەنى رامىزان باشلانغان كۈن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە دۆلەتلىك رەسەتخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، توكيودا تۈنۈگۈن (19- ئىيۇل) كەچ سائەت 6 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئاي قۇياشتىن 15 مىنۇت بۇرۇن پېتىپ بولغان، يەنى يېڭى ئاي كۆرۈنمىگەن. بۈگۈن بولسا قۇياش 6 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاي 7 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە پاتىدۇ. شۇڭا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولسا يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولىدۇ.( پايدىلانما: رەسەتخانا تورى)
قۇياشنىڭ چىقىش- پېتىش ۋاقتى: http://eco.mtk.nao.ac.jp/koyomi/dni/2012/hdni13123.html
ئاينىڭ چىقىش- پېتىش ۋاقتى: http://eco.mtk.nao.ac.jp/koyomi/dni/2012/mdni13123.html

ۋوردپرەس 3.4 ئۇيغۇرچە نەشرى

ۋوردپرەس 3.4 ئىنگىلىزچە نەشرى چىقىپ ئون سائەت بولغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ تەييار بولۇپ ئورگان تورىدا رەسمىي تارقىتىلدى ھەم تۆت سائەتتىلا 200 قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەسكەن(^_^)

http://ug.wordpress.org/

ۋوردپرەس 3.4 RC3 نەشرى

ۋوردپرەس 3.4 رەسمىي نەشرى تارقىتىلىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى كاندىدات تارقىتىلما نەشرى چىقىپتۇ. رەسمىي نەشرى ھەپتە ئاخىرىدا تارقىتىلىشى مۇمكىن.

MapsMarker قىستۇرمىسى

بۈگۈن MapsMarker قىستۇرمىسىنىڭ ئاپتورى روبېرت ئەپەندى ۋوردپرەس ئورگان تورىدىكى ئالاقە بېتى ئارقىلىق ماڭا خەت يېزىپتۇ. ئۇ خېتىدە مەزكۇر قىستۇرمىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ياكى شۇنداق بىركىمنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇنى ۋاقتىم چىققاندا ئۆزۈملا تەرجىمە قىلىۋېتەي دەپ ئالاقىلىشىۋىدىم، ئۇ كىشى دەرھاللا تور يۈزىدە تەرجىمە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر قىستۇرما ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغان بولدى.

http://translate.mapsmarker.com/projects/lmm

ۋوردپرەس 3.4 RC2 نەشرى

بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ۋوردپرەس 3.4 رەسمىي نەشرى چىقامدىكىن دەپ ساقلىسام، بۈگۈن 2- كاندىدات تارقىتىلما نەشرى چىقىپتۇ. رەسمىي نەشرى كېيىنكى ھەپتىدە تارقىتىلىدىكەن. ئۇيغۇرچە تەرجىمىغۇ ئاساسەن تەييار، لېكىن CSS نى تەھرىرلەش ۋە سىناشقا يەنىلا ۋاقىت كېتىدۇ- دە. ھەپتە ئاخىرى بولسا بىر كېچە ئولتۇرساملا پۈتەتتى.

ۋوردپرەس 9 ياشقا كىردى

ۋوردپرەس بۈگۈن توققۇز ياشقا كىردى. ئۇنىڭ توققۇز يىللىق تەرەققىياتىنى ھەقىقەتەن تېز بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرچە تۇنجى ۋوردپرەس بىلوگىغىمۇ 4 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ تۆت يىلدا ئۇيغۇرچە تەرجىمىمۇ ماس ھالدا مۇكەممەللىشىپ ماڭدى. ۋوردپرەسنى تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئېتىبار بېرىشىگە ئەگىشىپ تەرجىمە خىزمىتىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەنگۈسى!

WordPress 3.3.2 & WordPress 3.4 beta 3

ئۈچ كۈن بۇرۇن بىخەتەرلىك يېڭىلىنىشى بولغان ۋوردپرەس 3.3.2  نىڭ ئىنگىلىزچە نەشرى تارقىتىلدى. بىرلا ۋاقىتتا ۋوردپرەس 3.4 نەشرىنىڭ 3- سىناق نۇسخىسىمۇ تارقىتىلدى. يېقىنقى ئالدىراشچىلىقلار ۋە ۋوردپرەس 3.4 نەشرىنىڭ بىرەر ئاي ئىچىدە تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە 3.4 نەشرىنى ساقلاپ تۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

يەنە يەر تەۋرىدى

باياتىن، يەنى 14- مارت كەچ سائەت 09:05 تە، چىبا ناھىيىسىنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز ئاستىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى. بۇ تەۋرەش چىبا ۋە ئىباراكى ناھىيىلىرىگە كۈچلۈك 5 بال، بىز تۇرغان يەرگە 3 بال بولۇپ تەسىر قىلدى. ھازىرچە ئۆلۈم- يېتىم ئەھۋالىدىن خەۋەر يوق. بىزمۇ ئاللاھقا شۈكرى، ساق- سالامەت.

«10 ئاي غېرىبلىق» ئاخىرلاشتى

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى «10 ئاي غېرىبلىق» ئاخىرلىشىپ، ئاخىرى ئوغلۇم بىلەن ئايالىم 15- فېۋرالدا ساق- سالامەت يېنىمغا قايتىپ كەلدى. ئەمدى كۈندە تورغا چىقىدىغان بوش ۋاقىتلارنىڭمۇ چىقىشى ناتايىن، بىلوگىمنىمۇ ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرالماسلىقىم مۇمكىن. لېكىن پۇرسەت تاپساملا تورداشلارنى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن.

كروراندا سۆھبەت 17

كروراندىكى سۆھبەتتە، ياپونىيىدىكى بالىلار تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك 17- سوئالغىمۇ جاۋاب يوللىۋەتكەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بۇ يەردە ئەسكەرتمە بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. http://www.kroran.net/ud/thread-4711-11-1.html