ئايلىق ئارخىپلار: 2012- يىل يانۋار

ياماناشىدىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە

ئالدىنقى كۈنلىرى ياماناشى ناھىيىسىدە فۇجى تېغىدىكى 5 كۆلنى مەركەز قىلىپ ئاجىز 5 بال ۋە كەينىدىن 4 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، بۇ تەۋرەشنىڭ جەنۇبتىكى ئىزۇ يېرىم ئارىلىنىڭ قۇرۇقلۇققا سوقۇلۇشىدىن پەيدا بولغانلىقى، بۇندىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە 87 پىرسەنتلىك ئېھتىماللىق بىلەن يۈز بېرىدۇ دېيىلىۋاتقان M8 دەرىجىلىك توكاي- نانكاي يەر تەۋرىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.( مەنبە: MSN تورى، سانكېي خەۋەرلىرى 2012.1.30 21:12)

خوندا لازىيوغا يۆتكىلەمدۇ

ياپونىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ 25 ياشلىق ئەزاسى، بۇ يىلغىچە موسكۋا CSKA كوماندىسىغا تەۋە بولغان پۇتبول ماھىرى كېيسۇكې خوندانىڭ 4 يىللىق توختام بىلەن ئىتالىيە لازىيو كوماندىسىغا يۆتكىلىشى ھەققىدە ئىتالىيە گېزىتلىرى بەس- بەستە خەۋەر قىلىشتى. تولۇق يۆتكىلىدىغان بولدى. لازىيو تەرەپ خوندانىڭ يۆتكىلىش ھەققى ئۈچۈن 14 مىليون ياۋرونى بىر قېتىمدىلا تۆلەيدىغان بولدى. خوندا لازىيو كوماندىسىدا 10- نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ، يىلىغا 2 مىليون ياۋرو مائاش ئالىدىغان بولدى.( مەنبە: ياخۇ تورى، スポニチアネックス 2012年1月29日 10:05) ئەمدى ئۇنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ئادەتتىكى قانالدىمۇ كۆرەلەيدىغان بولدۇق.

تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇردۇم

خېلىدىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئوتتۈلكە تور كۆرگۈچىگە ۋىندوۋس مېدىيا قويغۇچ قىستۇرمىسىنى قاچىلايمەن دەپ بىر قىسىم فىلەش ھۆججەتلىرىمۇ قويۇلمايدىغان بولۇپ قالغان باھانە بىلەن قايتا قاچىلاش مەقسىتىدە ئوتتۈلكىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۆچۈرۈپ بولۇپلا كروم تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىپ باققۇم كېلىپ قاچىلاپ، كرومنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە ئوتتۈلكىگە ئوخشاش خەتكۈچ ئىستونىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئوتتۈلكىنى قايتا قاچىلاشتىن يالتىيىپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ ئەمدى گۇگۇل قارىمنىڭ كېرەمجان دېگەن بۇ بالىسى بىلەن دوستلىشىۋالدىم.

نېمە دېگەن سوغۇق

بۈگۈن ئۆيدە ئىسسىق پولو دۈملەپ يەپ ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان سوغۇق كۈن بوپتۇ. تېمپراتۇرىنىغۇ 0 دىن 6 گىچە دەپ چىقىرىپ قويۇپتۇ، لېكىن شامال بولغاچقا بەكلا سوغۇق تۇيۇلىدىكەن. تېمپراتۇرا ئەتىمۇ، ئۆگۈنمۇ ئوخشاش بولىدىكەن.

ئەتىگەن بەش بال يەر تەۋرىدى

بۈگۈن، يەنى 28- يانۋار ئەتىگەن سائەت 07:43 تە ياماناشى ناھىيىسىدە فۇجى تېغىدىكى بەش كۆلنى مەركەز قىلىپ ئاجىز بەش بال يەر تەۋرىدى. كەينى- كەينىدىنلا 4 بال قالدۇق يەر تەۋرەشمۇ يۈز بەردى.( مەنبە: MSN تورى، سانكېي خەۋەرلىرى 2012.1.28 08:10) مەن تۇرغان يەرگە 3 بال تەسىر قىلدى. ئەنسىرىگۈدەك ئالاھىدە ئىش بولمىدى.

موتورولا ئەقلىي تېلېفون ۋە تەبلېتلىرى

AndroidCentral نىڭ تۋىتتېردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موتورولا شىركىتى 2011- يىل ئىچىدە 18 مىليون 700 مىڭ دانە ئەقلىي تېلېفون ۋە بىر مىليون دانە تەبلېت ساتقان. (مەنبە: تۋىتتېر، http://bit.ly/yB2tPE)

بۈگۈن

بۈگۈنمۇ ئۆتۈپ كەتكىلى تۇردى. كەچتە تورنى شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ بىلوگقا يازغۇدەك بىرەر نەرسە تاپالمىدىم. قارىسام ساپلا شۇ «ئايفون 5 بۇ يىل يازدا چىقىشى مۇمكىن»، «كېيسۇكې خوندا لازىيوغا يۆتكىلىشى مۇمكىن» دېگەندەك ئەپقاچتى پاراڭلاركەن. ئەڭ ياخشىسى بۈگۈن ياخشى ئارام ئېلىپ، ئىشلىرىمنى ئەتە سەھەر تۇرۇپ قىلاي.

NEC ئون مىڭ خادىمىنى قىسقارتىدۇ

NEC شىركىتى 26- چېسلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىن 7000 ۋە دۆلەت سىرتىدىن 3000 خىزمەتچىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى، 2012- يىل 3- ئايدىكى ھېسابات نەتىجىسىدە تەخمىنەن 100 مىليارد يېن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.( مەنبە: MSN تورى، رېيتېر ئاگېنتلىقى 2012年1月26日 19:53)

كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ سېتىلدى

JEITA نىڭ 25- چېسلا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011- يىل ئىچىدە سېتىلغان كومپيۇتېر ئالدىنقى يىلدىكىدىن %1 ئېشىپ 10 مىليون 860 مىڭغا يېتىپ، نۆۋەتتىكى ئىستاتىستىكا ئۇسۇلى باشلانغان 2007- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ بولۇش رېكورتىنى ياراتقان.( مەنبە: ياخۇ تورى، سانكېي خەۋەرلىرى 1月25日(水)16時55分配信)

تۆت يىلدا 70 پىرسەنت

يومىئۇرى گېزىتىنىڭ 23- يانۋار سانىدا، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى يەر تەۋرەشنى تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى 4 يىل ئىچىدە پايتەخت رايونىدا چۆكۈش تىپىدىكى M7 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىشنىڭ ئېھتىماللىقى 70 پىرسەنت دەپ ھېسابلىغان تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.( مەنبە: MSN تورى، 2012年1月23日 13:03 J-CASTニュース)

دۇنيادىكى ئەڭ ناچار كارخانا

شۋېتسارىيەنىڭ Berne Declaration جەمئىيىتى ۋە يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيادىكى ئەڭ ناچار كارخانىلار دەرىجىسى» نى باھالاش پائالىيىتىدە، ئۆتكەن يىلغا قارىتا ھازىرغىچە 6 شىركەت- كارخانا نامزاتلىققا تاللانغان بولۇپ، ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە «تەننەرخنى تۆۋەنلىتىمىز دەپ قۇرۇلما جەھەتتىكى بىخەتەرلىككە ئېغىر دەرىجىدە ئېتىبارسىز قارىغان» سەۋەبلىك مۆلچەرلىگۈسىز رادىئاتسىيىلىك بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توكيو ئېلېكتىر كۈچى شىركىتى نۆۋەتتە 1- ئورۇندا تۇرۇۋاتماقتا ئىكەن.( مەنبە: MSN تورى، راكېتا خەۋەرلىرى24 2012年1月23日 18:00)

يېشىل چاي ۋە زۇكام

يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، ياپونىيەنىڭ يېشىل چېيىنى ئىچىپ بەرسە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بالىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە، كۈندە 1- 2 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچكەنلەرنىڭ يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %38، كۈندە 3- 5 ئىستاكان ئىچكەنلەرنىڭ بولسا %46 پىرسەنت تۆۋەنلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان.( مەنبە: MSN تورى، 2012年1月21日 08:00 Pouch)

خىتاچى ئەمدى ئۆزى تېلېۋىزور ياسىمايدۇ

1956- يىلىدىن باشلاپ تېلېۋىزورنى ئۆز شىركىتىدە ياساپ كېلىۋاتقان خىتاچى شىركىتى 2005- يىلىدىن باشلاپ قىزىل رەقەمدىن قۇتۇلالمايۋاتقان تېلېۋىزور ياساش ئىشلىرىنى بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.( مەنبە: MSN تورى، رېيتېر ئاگېنتلىقى 2012年1月23日 14:00)

SOPA/PIPA كېچىكتۈرۈلدى

نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللاشنى ئويلاشقان SOPA، PIPA قانۇن لايىھىسىگە ئاۋاز بېرىش كېچىكتۈرۈلدى.( مەنبە: MSN تورى، 2012年1月21日 16:25 RBB TODAY) بۇ قانۇن لايىھىلىرىگە قارشى 18- چېسلا تور بەتنى تاقاش ياكى رەڭگىنى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «تور نامايىشى» كۈچىنى كۆرسەتتى.

دەرۋىش ئامېرىكىغا كەتتى

خوككايدو Nippon-Ham Fighters كالتەك توپ كوماندىسىنىڭ 25 ياشقا كىرگەن توپ ئاتقۇچىسى يۈ دەرۋىش يىلىغا 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىش ھەققى بىلەن 6 يىللىق توختام تۈزۈپ، ئامېرىكا كەسپىي كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تېكساس Rangers كوماندىىسىنىڭ 11- نومۇرلۇق ئەزاسى بولۇپ، ئۇزۇندىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن MLB ھاياتىنى باشلىدى.( مەنبە: تور دۇنياسى)

kddi مۇ Galaxy نى چىقاردى

kddi شىركىتى 20- يانۋاردىن باشلاپ كورېيە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy S Ⅱ ئەقلىي تېلېفونىنى بازارغا سالىدۇ. بۇ تېلېفونغا WiMAX مۇ قوشۇلغان بولغاچقا، ئالاقىلىشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 40Mbps، يۈكلەش سۈرئىتى 15.4Mbps غا يېتىدىكەن.( مەنبە: MSN تورى، kddi تور بېتى)

«تىتانىك» نىڭ 3D نەشرى چىقتى

پۈتۈن دۇنيا بويىچە تارىختا 2- ئورۇندىكى بېلەت كىرىمىنى ياراتقان، 11 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۆلمەس ئەسەر- «تىتانىك» (ئۇيغۇرچىدا «تىتانىك ناملىق پاراخوت» دەپمۇ ئېلىنغان) رېژىسسور جەيمىس كامېروننىڭ ئۆزگىچە تېخنىكىسى بىلەن 3D شەكلىدە قايتا ئىشلەندى. بۇ كىنو بۇ يىل ئاپرىلدا تاماشىنبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. پۈتۈن ياپونىيەدىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا 7- ئاپرېلدىن باشلاپ قويۇلىدۇ.( مەنبە: MSN تورى، «بۈگۈنكى كىنوخانا» 2012年1月20日 12:00 シネマトゥデイ)

لازىيو خوندانى سېتىۋالالمىدى

يېقىندىن بۇيان ياپونىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ 18- نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى، نۆۋەتتە روسىيە بىرلەشمىسى CSKA كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان 25 ياشلىق پۇتبول ماھىرى كېيسۇكې خوندانىڭ يۆتكىلىش ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە. 20- چېسلادىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيە بىرلەشمىسى لازىيو كوماندىسى خوندانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن موسكۋاغا ۋەكىل ئەۋەتىپ CSKA بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ توختاملىشالمىغان.( مەنبە: ياخۇ تورى، 時事通信 1月21日(土)0時32分配信)

ساياھەتچىلەر زور دەرىجىدە ئازلىغان

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ 20- چېسلادىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011- يىلى ئىچىدە ياپونىيەگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 6 مىليون 219 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، يەر تەۋرەش ۋە يادرو ئاپىتى سەۋەبىدىن 2010- يىلدىكىدىن %27.8 ئازلاپ، ئازلاش نىسبىتىدە ئىستاتىستىكا قىلىش باشلانغان 38 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.( مەنبە: ياخۇ تورى، ماينىچى خەۋەرلىرى 毎日新聞 1月20日(金)20時35分配信)