Monthly Archives: October 2011

پروگراممىنىڭ كۈچى

تۆت كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈزۈپ چىققان بىر پروگرامما ئارقىلىق ئۈچ يېرىم سائەت ئىچىدە ياپونچە بىر تور بەتتىنلا 2 مىليون 500 مىڭ خەتلىك سانلىق مەلۇمات يىغىلىپتۇ. بۇ تور بەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ 20 پىرسەنتى ھەقلىق ئىكەن، ئاۋال ھەقسىز مەزمۇنلارنى يىغىپ تۇردۇق. ئەمدى ئۇنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى يىغىشقا كىرىشىمىز.

يېن رېكورت يېڭىلىدى 2

بۈگۈنكى توكيو پايچەك بازىرىدا بىر مەھەل بىر ئامېرىكا دوللىرى 75.98 يېنغا ئالماشتۇرۇلۇپ، يېننىڭ قىممىتىدە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.( مەنبە: ياخۇ تورى، 時事通信 10月26日(水)10時6分配信) بۇنىڭغا ماس ھالدا، جۇڭگو بانكىسىدىكى باھادا 100 ياپونىيە يېنى خەلق پۇلىغا 8.0797 يۈەنگە توغرا كەلدى.( مەنبە: جۇڭگو بانكىسى تور بېتى)

LinkedIn ياپونچە بەت ئاچتى

دۇنيادا 120 مىليون ئىشلەتكۈچىگە ئىگە بولغان، سودا ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلغان يەنە بىر SNS تورى LinkedIn بۈگۈن ياپونچە تور بېتىنى ئېچىش بىلەن بىر چاغدا توكيونىڭ شىبۇيا رايونىدا ئىشخانا تەسىس قىلىپ، ياپونىيىگە رەسمىي سىڭىپ كىردى. http://www.linkedin.com
( مەنبە: ياخۇ تورى، RBB TODAY 10月20日(木)15時20分配信)

«ماروژنا ساندىۋىچى» چىقتى

گۇگۇل شىركىتى ئاندرويىد سۇپىسىنىڭ ئىشلەتكۈچى ئارا يۈزى يېڭىلانغان، ئايلىق ئېقىم مىقدارىنى تەكشۈرۈش، قۇلۇپلانغان ئېكراندا تۇرۇپمۇ سۈرەتكە تارتىش، ئېكران قۇلۇپىنى چىراي تونۇپ ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان يېڭى نەشرى- «ماروژنا ساندىۋىچى» Ice Cream Sandwich نى ئاخىرى ئېلان قىلدى. http://bit.ly/r4iOMA

2010- يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم

دۆلەت بېجى نازارىتىنىڭ 2010- يىل 31- دېكابىرغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 14 تۈرگە ئايرىلغان بارلىق كەسپلەرنىڭ 2010- يىل ئىچىدىكى ھەر بىر ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيىسىدە «توك، گاز، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، سۇ ئىشلىرى» 69 مىليون 600 مىڭ يېن بىلەن 1- ئورۇندا، «پۇل- مۇئامىلە، سۇغۇرتا ئىشلىرى» 58 مىليون 900 مىڭ يېن بىلەن 2- ئورۇندا، «ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرى» 56 مىليون 400 مىڭ يېن بىلەن 3- ئورۇندا، «ئىلمىي تەتقىقات، كەسپىي- تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ئىشلىرى» ۋە «مائارىپ، ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىش ئىشلىرى» 50 مىليون 900 مىڭ يېن بىلەن 4- ئورۇندا، «مېھمانخانا، يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت ئىشلىرى» 24 مىليون 700 مىڭ يېن بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئورۇندا تۇرغان.( مەنبە: MSN تورى، 2011年10月15日 11:00 R25)

كروراندا سۆھبەت 10

كروران مۇنبىرىدىكى سۆھبەتتە، تۈنۈگۈن ھازىرقى خىزمەت ۋە ۋوردپرەسنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئىدىم. http://www.kroran.net/ud/thread-4711-5-1.html
بۈگۈن كېيىنكى سوئالغا جاۋاب يوللاپ قويدۇم. http://www.kroran.net/ud/thread-4711-6-1.html

ياپونىيە كوماندىسى ئۇتتى

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 3- باسقۇچلۇق ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 11- ئۆكتەبىردىكى مۇسابىقىسىدە، ياپونىيە كوماندىسى ئۆزىدىن كۆپ ئاجىز بولغان تاجىكىستان كوماندىسىنى سەككىزگە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن يېڭىۋالدى.( مەنبە: ياخۇ تورى، スポニチアネックス 10月11日(火) 22時10分配信)

يىپەك يولى تارىم ئۇيغۇر رېستورانى

بۈگۈن ئاغىينىمىزنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن يىپەك يولى تارىم ئۇيغۇر رېستورانىغا ماڭدىم بېرىپ كەلدىم. رېستوراندا تاماشىبىنلارغا ئازراق ئويۇن قويۇپ بەردۇق. بۇ رېستوران «توكيو گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 10- سېنتەبىردىكى سانىدا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلۇپتۇ. http://bit.ly/r4iOMA

ۋوردپرەس 3.3 نەشرىنىڭ 1- سىناق نۇسخىسى

بۈگۈن ۋوردپرەس 3.3 نەشرىنىڭ 1- سىناق نۇسخىسى تارقىتىلدى. تۇنجى سىناق نۇسخىسى بولغاچقا ھازىرچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلمايدۇ. كاندىدات نەشرى ياكى رەسمىي نەشرى چىققۇچە تەخىر قىلغايسىلەر.
ئىنگىلىزچە ئەسلى يازما: http://wordpress.org/news/2011/10/wordpress-3-3-beta-1/

يانفون ئىشلەتكۈچىلەر سانى

7- چېسلا ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي تۈزۈلگەن يانفون ئىشلىتىش توختىمى 123 مىليون 129 مىڭ 200 غا يەتكەن. PHS ئىشلىتىش توختىمى بولسا 4 مىليون 151 مىڭ 800 بولغان.( مەنبە: MSN تورى، 2011年10月7日 16:15 RBB TODAY) بۇ سانلارنى قوشۇپ كەلسە ئومۇمىي ئاھالە سانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. سەۋەب، بىردىن ئارتۇق يانفون ئىشلىتىدىغانلار خېلىلا كۆپ.

بىلوگىمغا بىر يىل

بۈگۈن قارىسام، 2010- يىلى 27- سېنتەبىردە بۇ بىلوگقا تۇنجى يازمىنى يوللىغاندىن تارتىپ بۇ يىل 26- سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىردىن جەمئىي 353 پارچە يازما ۋە يەنە 100 پارچە جاۋاب يوللاپتىمەن. تور بەت ۋە ئىنكاسقا خەتلەنگەن تورداشلار 8 گە يېتىپتۇ. بىلوگىمنىڭ بۇ ئارىلىقتىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 2722، ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋاقتى 2011- يىل 13- مارتتا 79 قېتىم بوپتۇ. يېڭى بىر يىلدا يەنىمۇ تىرىشسام بولغىدەك.

«ماروژنا ساندىۋىچى» چىقىدۇ

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 11- ئۆكتەبىر كالىفورنىيە شىتاتى San Diego شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلىنىۋاتقان پائالىيىتىدە، گۇگۇل شىركىتىنىڭ Ice Cream Sandwich «ماروژنا ساندىۋىچى» نامىدىكى Android 4.0 مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە بۇ سىستېمىدا ئىشلەيدىغان «GALAXY Nexus» نامىدىكى ئەقلىيفونى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.( مەنبە: MSN تورى،2011年10月7日 09:08 ITmedia News)

سىتىۋ جوبىس ۋاپات بولدى

ئالما شىركىتى ئۆز تور بېكىتىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ستىۋ جوبىس Steve Jobs ئەپەندىنىڭ بۈگۈن 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئالما شىركىتى ۋە دۇنيانىڭ بىر تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، جوبىس ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە بىلدۈرگۈ ئېلان قىلدى.( مەنبە: تۋىتتېر- ئالما شىركىتى تور بېكىتى)

سائىتىگە 330 كىلومېتىر

F1 مۇسابىقە ماشىنىسىنى ياسايدىغان ئەنگىلىيىنىڭ ماكلارېن ئاپتوموبىل شىركىتى 5- چېسلا سائەتلىك سۈرئىتى 330 كىلومېتىرلىق تۇنجى ئادەتتىكى تەنتەربىيە ماشىنىسى «MP4-12C» نى توكيودا 27 مىليون 900 يۈز مىڭ يېندىن سېتىشقا باشلىدى.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

كۈز يامغۇرى

ئەتىگەندە يېغىشقا باشلىغان كۈز يامغۇرى پۈتۈن كۈن توختىماي يېغىپ چىقتى. كەچقۇرۇن تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىمۇ تۈنۈگۈنكىدىن بەش گرادۇس تۆۋەنلەپ 14 كە چۈشۈپ قاپتۇ. ھاۋارايى مەلۇماتىغا قارىسام ئەتە چۈشكىچە ياغىدىكەن. ئەمدى بۇ يامغۇر بىلەن رەسمىي سوغۇق چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى- دە.