ۋوردپرەس 3.1 ئىنگىلىزچە نەشرى 22- فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي توردا تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 18 سائەت ئىچىدىكى چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 250 مىڭدىن ئاشقان. شۇغىنىسى، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرچە نەشرىنى دەرھال تارقىتىشقا مۇمكىن بولمىدى. كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىغىچە تەخىر قىلىپ تۇرغايسىلەر.
ئايلىق ئارخىپلار: 2011- يىل فېۋرال
ئارسېنال كېلىدىكەن
سانكېي تەنتەربىيە خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە گېزىتلىرىدە ئارسېنال كاماندىسىنىڭ ئىيۇلنىڭ ئاخىرى ياپونىيىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن. بۇ ئىش ئەمەلىيلىشىپ قالسا، ئارسېنال كۇلۇبى جەمئىي بىر مىليون 500 مىڭ فوند- ستېرلىڭ (تەخمىنەن 2 مىليارد ياپونىيە يېنى) كىرىم قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.( مەنبە: سانكېي تەنتەربىيە خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)
ئاندرويد 3.0 تارقىتىلدى
گۇگۇل شىركىتى 22- چېسلا ئاندرويد 3.0 SDK نىڭ رەسمىي نەشرىنى تارقاتتى. چۈشۈرۈپ تۇنجى قىلغان ئىشىم تور كۆرگۈچتە بىلىك كۇلۇبىنى زىيارەت قىلىش بولدى. بىر قانچە ھەرپنىڭ ئورنىغا كاتەكچە چىقىۋالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تور بەت نورمال كۆرۈندى.
ئالدىراشچىلىق …
بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى كاماندىروپكىنىڭ تەييارلىقى بىلەن بۇ بىر نەچچە كۈن بىراقلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئەقلىيفوندا يازما يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىچە بۇرۇنقى ئۇسۇلدا ئالدىرىماي يازما يېزىپ تۇراي.
نىسسان: توكلۇق ماشىنا
نىسسان (日産) شىركىتىنىڭ پۈتۈنلەي توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان يېڭى تىپتىكى ماشىنىسى «Leaf- ياپراق» بىر قېتىملىق زەرەتلەشتە 200 كىلومېتىر ماڭالايدىكەن. زەرەتلەشكە پەقەت 30 مىنۇتلا كېتىدىكەن.( مەنبە: ئاساخى تېلىۋىزىيىسى)
گالاكسىي ئېس ۋە ئۇيغۇرچە
تۈنۈگۈن سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەقلىيفونى گالاكسىي ئېسنى ئېلىپلا، ئاندرويدتا ئىشلەيدىغان ۋوردپرەسنى قاچىلاپ، قۇتبىلىك كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىپ بۇ بلوگقا يازما يوللاپ باققان ئىدىم. شۇغىنىسى، ھەرپلەر پەقەتلا ئۇلانماپتۇ. تور بەت كۆرگەندىغۇ ئۇلانماي چىقسا مەيلى ئىدى، ئەمدى بىرەر نەرسە يازسىمۇ ئۇلانمىسا، قانداق قىلىدىغان ئىشكىن…
ئاندرويد كومپيۇتېرى ياپونىيىدە
ئېن ئى سى (NEC) شىركىتىنىڭ ئاندرويد 2.2 قاچىلانغان خاتىرە كومپيۇتېرى 10- مارتتىن باشلاپ سېتىلىدىكەن. 7 سۇڭلۇق سەزمە ئېكران سەپلەنگەن بۇ كومپيۇتېرنىڭ 3GS ئىقتىدارىغا ئىگە بولغىنى 5.5 تۈمەن يېن، سىمسىز LAN ئىقتىدارى بار بولغىنى 4 تۈمەن يېندىن سېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. (مەنبە: ياخۇ تورى)
ۋەيران بولغان شىركەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى
توكيو سودا- سانائەت تەتقىقات ئورنى (東京商工リサーチ) نىڭ 8- چېسلا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 10 مىليون يېندىن ئارتۇق قەرز بىلەن ۋەيران بولغان 13 مىڭ 321 شىركەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 22.4 يىل بولغان. بۇ شىركەتلەردىن تارىخى 30 يىلدىن ئۇزۇن بولغانلىرى %29.4 نى ئىگىلىگەن.( مەنبە: Business Media – ياخۇ تورى)
ۋوردپرەسنىڭ يېڭى نەشرى
ۋوردپرەس 3.0.5 ئۇيغۇرچە نەشرى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە تارقىتىلدى. http://ug.wordpress.org/
ۋىندوۋسقا ياماق سېلىنماقچى
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ 9- چېسلا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋىندوۋس يەتتە SP1 نى تارقىتىش تەييارلىقى پۈتكەن بولۇپ، ئاۋال ھەمراھ شىركەتلەرگە، 16- چېسلادىن باشلاپ تېخنىك ئەزالارغا، 22- چېسلادىن باشلاپ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىنىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ تورى)
جۈملىدىن مەنمۇ ئىككىلا كومپيۇتېرغا «ياماق» سالىدىكەنمەن.
چارچاشنى تۈگىتىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى
ئاجىنوموتو (味の素) شىركىتى ئۆزىنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سېنداي ئوپېن دوختۇرخانىسى بىلەن بىللە ئېلىپ بارغان ئورتاق تەتقىقاتى ئارقىلىق cystine ۋە theanine نامىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تەنھەرىكەت ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى چارچاشنى تېز سۈرئەتتە تۈگىتىش رولى بارلىقىنى تېپىپ چىققان.( مەنبە: سانكېي خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)
توكيودا قار
تۈنۈگۈن ھاۋارايى مەلۇماتىدا قار ياغىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، «2- ئاي بولغاندا قار يېغىپ يۈرمەس» دەپ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن ئەتىگەن قارىسام راستىنلا قار يېغىپتۇ. ياپونىيىنىڭ شەرقىي قىسىم تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدا قىشتىمۇ قار ياغمايدىغان ئەھۋال بار ئىدى. بۇ يىلمۇ ھازىرغىچە يېغىپ باقمىغان قار باھار كېلەي دېگەندە يېغىپتۇ. بارغانسېرى تۆت پەسىلنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتىغۇ…
ئەجەپ يېزىپ بولالمىدىم
بۇ نەچچە كۈندىن بېرى يازغۇدەك نەرسىلەرغۇ خېلى كۆپ چىققان، نېمە سەۋەبتىن بلوگىمنى يېڭىلاشقا ۋاقىت چىقمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم. يەنىلا يازاي دېگەندە يازالايدىغان ئەقلىيفون لازىم ئوخشايدۇ…
قاردا 81 ئادەم قازا قىلدى
ئوت ئۆچۈرۈش نازارىتىنىڭ مەلۇماتىدا، ئۆتكەن يىل نويابىردىن بۇ يىل 31- يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 04:30 غىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۆگزىدىكى قارنى تازىلاۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يەرگە چۈشۈپ كېتىش (60 ئادەم) قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەمئىي 81 ئادەم قازا قىلغان. بۇلاردىن 53 كىشى 65 ياشتىن ئاشقانلار ئىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)
