20 – چېسلا توكيونىڭ نېرىما رايونىدىكى بىر تۇرالغۇدا سۆڭەكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئىككى جەسەت بايقالغان. بۇلار مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان 83 ياشلىق بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ 77 ياشلىق سىڭلىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يالغۇز تۇرۇۋاتقان بۇ موماي بۇ يىل 2- ئايدا جىيەنىگە تېلېفون قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ كېلىپ يارىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ياردەم سورىغان، جىيەنى دوختۇرغا بېرىشنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر خەۋەر بولمىغان. ئۇلارنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.( مەنبە: NHK خەۋەرلىرى ) http://bit.ly/aB7KDa

توكيودىنمۇ تاشقا ئايلانغان جەسەت چىقىپتۇدە!
ئېگە- چاقىسىز بوۋاي- مومايلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ ھېچكىم بىلمەيدىغان گەپكەن بۇ يەردە…
قارىغاندا ياپونلۇقلارنىڭ خوشنىدارچىلىغى بەك ناچار ئوخشىمامدۇ؟!
شەھەرلەردىغۇ گەپ كەتمەيدۇ. يېزىلاردىمۇ كىرىش- چىقىش قىلىدىغانلار بەكلا ئاز. بۇلار ئالدىراپ ئۆيىگە مېھمان باشلىمايدۇ.
ياپونلارمۇ ئۆزلىرىنى تۈرۈك سېستىمىسىغا تەۋە دەيدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم، قارىغاندا ئۇلاردا تۇركى خەلقلەردىكى مىھماندوستلۇق، خوشنىدارچىلىق كەم ئوخشايدۇ؟!
بىزدىكى شەھەر تۇرمۇشىغا ئوخشاشلا، ئۇلاردىكى نۇرغۇن ياخشى ئادەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.