ئايلىق ئارخىپلار: 2010- يىل نويابىر

ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاشقان

30- چېسلادىكى دوكلادتا 10- ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئىنت ئۆرلەپ %5.1 كە يەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ 4 ئايدىن بۇيانقى ناچارلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ تورى)

دېئابىت كېسىلىنىڭ ياردەمچىسى ئېنىقلاندى

قانۇنىيەتلىك بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان B تىپلىق دېئابىت كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىشكە سەۋەبچى بولىدىغان بىر خىل ئاقسىل كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋىرۇس تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان. ئادەتتە قورساق ئاچ چاغدا پائالىيىتى جانلىنىدىغان بۇ ئاقسىل ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قورساق توق ھالەتتىمۇ ئاكتىپ پائالىيەتتە بولۇپ كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ ئاقسىلنى تىزگىنلەش ئارقىلىق دېئابىت كېسىلىنى داۋالاش مۇمكىن دەپ قارالماقتا ئىكەن.( مەنبە: كيوتو خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

ئەقلىي ھەميانفون بازارغا سېلىندى

كېي دى دى ئاي شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ شارپ شىركىتى ياساپ بەرگەن، ئاندرويد 2.1 نەشرى ئىشلىتىلگەن، ئەقلىيفونلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ھەميان ئىقتىدارى قوشۇلغان ئەقلىيفونى IS03 نى 26- چېسلادىن باشلاپ سېتىشقا باشلىغان.( مەنبە: ماينىچى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

جىددىي قۇتقۇزۇشقا بىر مىنۇت ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن

26- چېسلا ئېلان قىلىنغان دوكلادتا كۆرسىتىلىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش ھەققىدە 119 غا تېلېفون قىلىنغاندىن تارتىپ بىمار دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگىچە بولغان ئوتتۇرىچە ۋاقىت 2009- يىلى مەملىكەت بويىچە 36 مىنۇت 6 سېكۇنت بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر مىنۇت 6 سېكۇنت كۆپ بولغان، 10 يىل بۇرۇنقىدىنمۇ 9 مىنۇت ئۇزىراپ كەتكەن. بۇ، ئىستاتىستىكا قىلىش باشلانغان 1984- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

توي قىلىش تەكلىپى قويىدىغانلار

ھازىرقى جەمئىيەتتە، يىگىتلەرنىڭ 83 پىرسەنتى قىزلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن توي قىلىش تەكلىپى قويۇشىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

گالاكسىي تەب 26- چېسلا سېتىلىدۇ

ئېن تى تى دوكومو شىركىتى كورىيىنىڭ سامسۇڭ شىركىتىدە ئىشلەنگەن، ئاندرويد 2.2 نەشرى ئىشلىتىلگەن تەبلېت كومپيۇتېر (GALAXY TAB (SC-01C نى مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى سېتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.( مەنبە: MSN تورى)

ۋىرۇسلۇق تور بەت ياسىغان ئىككىيلەن قولغا ئېلىندى

ۋىرۇسلۇق تور بەت ۋە يۇمشاق دېتال ياساپ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پارولىنى ئوغرىلاپ، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنلىرىدىكى 100 تۈمەن يېنلىق مال- مۈلكىنى سېتىپ خەجلىكەنلىكى سەۋەبىدىن، قانۇنسىز زىيارەت قىلىشنى چەكلەش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن 29 ياشلىق بىر ئەر ۋە 39 ياشلىق بىر ئايال كاناگاۋا ناھىيىلىك ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇ، مۇشۇ تۈردىكى جىنايەت گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تۇنجىسى ئىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى – ياخۇ تورى)

ئەڭ ياش ئايال شەھەر باشلىقى

خيوگو ناھىيىسىنىڭ ئاماگاساكى شەھىرىدىكى سايلامدا، 38 ياشلىق ئايال كازۇمى ئىنامۇرا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان. بۇ ئايالنىڭ بەش ياشلىق بىر قىزى بولۇپ، ياپونىيىدىكى شەھەر باشلىقلىرى ئىچىدە 22- ئايال شەھەر باشلىقى ۋە ئەڭ ياش ئانا بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.( مەنبە: يومىئۇرى خەۋەرلىرى – ياخۇ تورى)

يېرىم يىللىق جەسەت

20 – چېسلا توكيونىڭ نېرىما رايونىدىكى بىر تۇرالغۇدا سۆڭەكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئىككى جەسەت بايقالغان. بۇلار مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان 83 ياشلىق بىر موماي بىلەن ئۇنىڭ 77 ياشلىق سىڭلىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. يالغۇز تۇرۇۋاتقان بۇ موماي بۇ يىل 2- ئايدا جىيەنىگە تېلېفون قىلىپ، سىڭلىسىنىڭ كېلىپ يارىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ياردەم سورىغان، جىيەنى دوختۇرغا بېرىشنى ئېيتقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر خەۋەر بولمىغان. ئۇلارنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.( مەنبە: NHK خەۋەرلىرى ) http://bit.ly/aB7KDa

ئىرانلىقنىڭ دۇكىنى

تۇرۇۋاتقان يېرىمىزگە يېقىنلا يەردە بىر ئىرانلىقنىڭ دۇكىنى باركەن، يېمەك- ئىچمەك، كىتاب ۋە DVD قاتارلىقلار سېتىلىدىكەن. قوي گۆشىنىڭ باھاسى باشقا يەردىن قىممەتكەن. ئىككى كىلوگرامدەك ئانار سۈيىنى 1000 يېنغا (خەلق پۇلىغا 77 يۈەنگە) سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم.

ئىش تېپىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولدى

مەدەنىيەت- ئىلىم- پەن ۋازارىتى ۋە پاراۋانلىق- ئەمگەك ۋازارىتىنىڭ 16- چېسلادىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، كېلەر يىلى 3- ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ يىل 1- ئۆكتەبىرگىچە خىزمەت تاپالىغانلارنىڭ نىسبىتى ئاران %57.6 بولغان، بۇ 14 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت ھېسابلىنىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ تورى)

ھېيت مۇبارەك!

ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، خوشاللىق ۋە بەخت- ئامەت سىزلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن! كۈندىلىك تۇرمۇشۇڭلار مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك، ھەر بىر ئىشلىرىڭلار خەيرلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ «پېشقەدەم» تېلېۋىزور

تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ «پېشقەدەم» رەڭلىك تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا بۇ يىل 42 يىل بولغان. ياپونىيىنىڭ مىتسۇبىشى شىركىتىدە ئىشلەنگەن بۇ رەڭلىك تېلېۋىزور 1968- يىلى 300 فوند- ستېرلىڭغا (ھازىرقى 150 تۈمەن يېنغا تەڭ) سېتىۋېلىنىپ ئىشلىتىلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ بۇزۇلۇپ باقمىغان.( مەنبە: MSN تورى) http://bit.ly/9qjCb9

دەسلەپكى مائاش ئازايغان

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە دەسلەپكى مائاشى 19 تۈمەن 7400 يېن بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئازىيىشقا يۈزلەنگەن.( مەنبە: ياخۇ تورى)

ۋالىبولدا مىس مېدال

ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئامېرىكا كوماندىسىنى 3 كە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ 3- بولۇپ، 32 يىلدىن بۇيانقى مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن.( مەنبە: سانكېي تەنتەربىيە خەۋەرلىرى- ياخۇ تورى)

تاماكىنىڭ سېتىلىشى ئازايدى

تاماكا باھاسى ئۆسۈشتىن بۇرۇنقى 9- ئايدا سېتىلغان تاماكا بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %88 كۆپ بولسىمۇ، تاماكا باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە، 10- ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن بىراقلا %69 ئازايغان.( مەنبە: MSN خەۋەرلىرى)

ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپى

1. برازىلىيە 2. ئامېرىكا 3. جۇڭگو 4. ئىتالىيە 5. ياپونىيە 6. كۇبا 7. روسىيە 8. پولشا 9. سېربىيە 10. گوللاندىيە 11. دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى 12. تايلاند 13. پۇئېرتو رىكو 14. ئالجىرىيە 15. گېرمانىيە
خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسىنىڭ 2010- يىل 30- ئاۋغۇستتىكى ئىستاتىستىكىسىدىن ئېلىندى.

ۋالىبولدا: ياپونىيە بىلەن برازىلىيە

ياپونىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە روسىيىگە 3 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان. ئەمدى 13- چېسلادىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە برازىلىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدىكەن.( مەنبە: NHK تورى )

سۈۋەرەكلەر ئوتنى ئۇلغايتىۋەتتى

كاگاۋا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان موگۇ يېتىشتۈرۈش مەيدانىدا بىر نەچچە سۈۋەرەكنى ئىسپىرت چېچىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، كۆيۈۋاتقان سۈۋەرەكلەرنىڭ تام ئارىلىرىغا قېچىپ كىرىشى نەتىجىسىدە تاملارغا ئوت تۇتىشىپ، 500 كۇۋادرات مېتىر يەر كۆيۈپ كەتكەن.( مەنبە: سانكېي گېزىتى- MSN تورى)

10- ئايدا 1136 شىركەت ۋەيران بولدى

9- چېسلا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10 مىليون يېندىن ئارتۇق قەرز بىلەن 10- ئاي ئىچىدە ۋەيران بولغان شىركەتلەر 1136 بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %9.9 ئازايغان بولسىمۇ، ئومۇمىي قەرزى %79 ئېشىپ 290 مىليارد يېنغا يەتكەن.( مەنبە: سانكېي گېزىتى- ياخۇ خەۋەرلىرى)