ئايلىق ئارخىپلار: 2010- يىل سېنتەبىر

بالىلار ياردەم پۇلى ۋە چەتئەللىكلەر

تۇغۇلغاندىن تارتىپ تولۇقسىزنى تۈگەتكىچە دۆلەت مالىيىسىدىن ھەر بىر بالىغا ئېيىغا 13 مىڭ يېندىن بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى بۇ يىل 9 مىليون 315 مىڭ 183 ئائىلە ئالغان، ئۇنىڭ 162 مىڭ 922 سى چەتئەللىكلەر ئىكەن.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

باش ۋەزىرنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتى گېزىتتە

باش ۋەزىرنىڭ كۈندىلىك ئىش- پائالىيەتلىرى مىنۇتقىچە ئېنىقلىقتا خاتىرىلىنىپ، كېيىنكى كۈندىكى گېزىتلەرنىڭ مەخسۇس ئىستونىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىكەن.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

بالىسىنىڭ رەسىمىنى ساتقان ئايال تۇتۇلدى

تۆت ياشلىق قىزىنىڭ يالىڭاچ رەسىمىدىن ئالتە پارچىنى 31600 يېنغا ساتقان 27 ياشلىق ئىشسىز ئايال «نارەسىدىلەرنىڭ نومۇسىنى سېتىشىنى چەكلەش قانۇنى» بويىچە قولغا ئېلىنغان.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

سامانيولىدىن 196سى بايقالدى

دۆلەتلىك رەسەتخانا ۋە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار بۈگۈن، 8 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يىلىغا 1000 دىن ئارتۇق يېڭى يۇلتۇز پەيدا بولىدىغان سامانيولىدىن 196 نى بىراقلا بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

نىنتېندو 3DS كېلەر يىلى سېتىلىدۇ

نىنتېندو شىركىتى ئۆزىنىڭ كۆزەينەك كەتمەيدىغان يېڭى مەھسۇلاتى – نىنتېندو 3DS نى كېلەر يىلى 26- فېۋرالدىن باشلاپ 25 مىڭ يېندىن ساتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. http://bit.ly/dC69wY

ناشتا ئۈچەيگە پايدىلىق

ناشتىنىڭ ئۈچەي ۋە ئاشقازانغا نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغانلىقى ياپونىيىنىڭ تەتقىقاتلىرىدىمۇ ئىسپاتلانغان. ئۈچەينى ئاسراش ئۈچۈن يەنە يېتەرلىك دەرىجىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە ھەر كۈنى بىر لىتىردىن كۆپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىش لازىم ئىكەن.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

ئېشىپ قالغان ئىنسۇلىننى ئۇرغان سېستىرا تۇتۇلدى

كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىدا، بالنىستتا يېتىۋاتقان ئايال بىمارغا ئېشىپ قالغان ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، قان قەنتى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سېستىراغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

ساماۋىي شاھ شال ئوردى

ئاكىخىتو ساماۋىي شاھ ئوردا ئىچىدە ئۆزى ئۆستۈرگەن ئىككى خىل سورتلۇق شالنى بۈگۈن ئۆزى ئورۇپ چىققان. ئېلىنغان ھوسۇل ئوردا ئىچىدىكى مۇراسىملاردا ئىشلىتىلىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ سۈرەتلىك خەۋەرلىرى)

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋارايى مۇلازىمەت شىركىتى ياپوندا

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋارايى خەۋەر مۇلازىمىتى شىركىتى بولغان Weather News ياپونىيىنىڭ چىبا ناھىيىسىدە، بۇ تۈردىكى مۇلازىمەتتە دۇنيادا %80 بازارنى ئىگىلىگەن. ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىمۇ بار.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

ئىسسىقتا 170 ئادەم قازا قىلدى

بۇ يىل يازدىكى قاتتىق ئىسسىقتا، ئىسسق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن پۈتۈن ياپونىيىدە جەمئىي 170 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.( مەنبە: تېلېۋىزىيە پروگراممىسى)

يىلدا 6800 ئادەم ئۆزى چەكمەي تاماكىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ

ئۆزى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن ھەر يىلى 6800 كىشى باشقىلارنىڭ تاماكىسىدىن زەھەرلىنىپ، ئۆپكە راكى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىش ئورنىدا زەھەرلىنىدىكەن.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)

ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى ئايفوندا

ئەمدى ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئايفون ۋە شارپ شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى «گالاپاگوس» تىمۇ ئوقۇغىلى بولىدىكەن. http://bit.ly/dwZhZr

ئايال ئارتىست نورىكا فۇجىۋارا ياڭ گۇيفېڭ رولىدا

ئايال ئارتىست 藤原紀香 – نورىكا فۇجىۋارا BS ئاساخى تېلىۋىزىيىسىنىڭ جۇڭگو- ياپونىيە بىرلىكتە ئىشلىگەن «ئەپسانىۋىي گۈزەل- ياڭ گۇيفېي» پروگراممىسىدا ياڭ گۇيفېينىڭ رولىنى ئالىدىكەن. http://bit.ly/aaqhxG

كىنو ھەمبەھرلەپ قولغا ئېلىندى

كيوتودا 37 ياشلىق بىر ئەر ھۆججەت ھەمبەھر دېتالى Winny ئارقىلىق بەش يىل جەريانىدا 21500 كىنونى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇنسىز تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن نەشر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىنىڭ گۇماندارى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان.( مەنبە: ياخۇ خەۋەرلىرى)